Uyghurئاساسىي لۇغەت
چەتلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
چېتىگە، يان تەرىپىگە قاراپ يول ئالماق؛ ياندىماق.
ئۆزىنى قاچۇرماق، چەتكە ئالماق؛ داجىماق.
ئۇلار بىزدىن چەتلىدى.
ئاداشماق، ئازماق، ئازغاشماق، يېڭىلىشماق.
شۇنداق قىلىپ يولۇچىلار چوڭ يولدىن چەتلەپ، تارىم بويىغا كېلىپ قالدى.
كۆچمە. مەركەزدىن، نۇقتىدىن، نىشاندىن يىراقلاپ كەتمەك، قېيىپ كەتمەك، قاڭقىماق.
قولنىڭ تىترىشى بىلەن ئوق نىشاندىن سەللا چەتلىسە، بىر مۇنچە چەتلەپ كېتەتتى - دە، قارىغا تەگمەيتتى.