Uyghurئاساسىي لۇغەت
چەرخ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چاقا.
ئايلىنىش:
كۆچمە: ئاسمان، پەلەك، كۆك.
2ئ ئەي فەلەك، چەرخىڭ بۇزۇق، كىملەرگە خار قىلدىڭ مېنى،
مەيلى بارۇ مەيلى يوققە ئىنتىزار قىلدىڭ مېنى. شەھىدى.
4. بۇ يەڭلىغ ئېرۇر چەرخنىڭ قىلمىشى،
ۋەفاسىز ئېرۇر دەھر گەردۇن ئىشى.
ئا. نىزارى.
5. چۈن نەزەرگە تىيرەلىك يوق چەرخ مېھرىن كۆردىكىم،
كويى گەردىن سۈرمە ئەيلەپ، ئەرشى، كۆزۈڭنى يارۇت.
ئەرشى.
كۆچمە: زامان، دەۋر:
كۆچمە، تەقدىر، تەلەي، بەخت:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چاق، ئايلانغۇچى؛ چەمبىرەك، دۈگىلەك؛ ئاسمان، پەلەك، كۆك؛ كۆچمە مەنىسى: دەۋر، زامان؛ تەقدىر. تەلەي: چەرخ - سۇ چاقى، سۇ تۈگمىنى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھارۋا ( ماتورلۇق ھارۋا: ماشىنا، تراكتۇر ) نىڭ ئايلىنىپ ماڭىدىغان، دۈگىلەك قىسمى.
ئەسكى چاقنىڭ ئاۋازى قاتتىق. تارىخ چاقىنى كەيمىگە بۇرىغىلى بولمايدۇ.