Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
承政院
تارىخ
chéng zhèng yuàn
چۇڭقۇرۇش مەھكىمىسى، زوراغالىق مەھكىمىسى
دۇنيا تارىخى
جۇڭقۇرۇش مەھكىمىسى
چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى زوراغالىق مەھكىمىلىرىنىڭ بىرى. جىڭخۇ، چاڭدې قاتارلىق خان ئوردىلىرىدا تەسىس قىلىنغان. پادىشاھنىڭ يارلىقىنى چۈشۈرۈش ۋە ئەمەلدارنىڭ يۇقىرىغا سۇنغان پىكىرلىرىنى ئاڭلاش قاتارلىق ئىشلارغا مەئسۇل. ئەسلى كورىيىنىڭ چىڭزۇڭ (981 - 997) زامانىسىدا تەسىس قىلىنغان زوراغالىق مەھكىمىسىدىن كېلىپ چىققان. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى زوراغالىق مەھكىمىسى ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان، پادىشاھنىڭ يارلىقلىرىنى چۈشۈرگەن. 1400-يىلى (دېڭزۇڭنىڭ 2-يىلى) ئەمەلدارلار تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ، زوراغالىق مەھكىمىسى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن. ئۈچ ھەربىي مەھكىمە تەسىس قىلىنىپ، ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان. جۇڭقۇرۇش مەھكىمىسى پادىشاھ يارلىقىنى ئېلان قىلىدىغان بولغان. ئىككىنچى يىلى زوراغالىق مەھكىمىسىگە قوشۇۋېتىلگەن، شىزۇ (1455 - 1468 - يىلى تەختتە) زامانىسىدا قايتىدىن جۇڭقۇرۇش مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان. <يۇرت سوراش قانۇنلىرى> دا بەلگىلىنىشىچە، پايتەخت جۇڭقۇرغۇچىسى، ئوڭ، سول جۇڭقۇرغۇچى، ئوڭ، سول مۇئاۋىن جۇڭقۇرغۇچى بولۇپ، ھەر - بىرىگە بىردىن ئادەم تەيىنلەنگەن، جۇڭقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇقى بەزىدە كېڭەش ھۆكۈمىتىدىنمۇ يۇقىرى بولغان. 1894-يىلى (گاۋزۇڭنىڭ 31-يىلى) جياۋۇ ئىسلاھاتى مەزگىلىدە پەرمان مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئوردىنىڭ ئىچىدىكى ئاپاراتلارنىڭ بىرگە ئايلىنىپ ئەسلىدىكى ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان.