Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
城下町
دۇنيا تارىخى
شەھەر بازارلىرى
ياپونىيە فېئودال يەر ئىگىلىرنىڭ قەلئەلىرى ئەتراپىدىكى شەھەر رايونى. ياپونىيە شەھەرلىرىنىڭ سېپىلى يوق بولۇپ، فېئودال يەر ئىگىلىرىنىڭ قەلئە شەكلىدىكى تۇرالغۇ ئۆيلىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان. كاماكۇرا دەۋرىدە، كاماكۇرانىڭ شەھەر رايونى بۇنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. مورۇماچى دەۋرىدە، قورۇقچى ئامبال ھەمدە سامورايلار بولغان قەلئە ئەتراپىدا بازارلار پەيدا بولغان. 1467 - يىلى يېڭرىن توپىلىڭىدىن كېيىن، تاۋار ئىگىلىكى تەرەققى قىلىپ، شەھەر بازارلىرى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەنگەن. ئىلگىرى قەلئەلەر دائىم تاغ ئۈستىدىكى خەتەرلىك جايلارغا سېلىنغاچقا، شەھەر بازارلىرىنىڭ كېڭىيىشى چەكلىك بولغان، بۇ چاغقا كەلگەندە قەلئەلەر خوجىلىق يەرلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركەزلىرىگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەچكە، سودا - سانائەتنى مەركەزلەشتۈرۈشكە قولايلىق بولغان ھەمدە ئەسكەر بىلەن دېھقانلار بۆلۈنۈپ چىققاچقا، سامورايلارنىڭ كۆپىنچىسى غوجىدارنىڭ تۇرالغۇسى ئەتراپىغا كۆچۈپ كېلىپ، ئىستېمال ئاشقان. يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىرىگە كەلگەندە،كۈچلۈك تۆرىلەرنىڭ شەھەر - بازارلىرىنىڭ ئاھالىسى 20 - 30 مىڭغا يەتكەن. ئودانوبۇناگا ئازۇچىچو شەھىرىنى، تويوتومى خىدىكىچى ئوساكا شەھىرىنى بەرپا قىلىپ، سودىگەرلەرنىڭ كۈچى بارغانسېرى ئۇلغايغان. ئېدۇ شەھىرى (سېپىل، خەندەكلەر بولغان) پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزىگە ئايلىنىپ، ئاھالىسى بىر مىليونغا يەتكەن. كانازاۋ، ناگويا، سېنداي قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرىمۇ 100 مىڭغا يەتكەن. مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈشىدىن كېيىنكى يېقىنقى زامان شەھەرلىرى ئەنە شۇ شەھەر - بازارلىرى ئاساسىدا تەرەققى قىلىپ بارلىققا كەلگەن.