Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
城邦
ئۇنىۋېرسال
chéng bāng
شەھەرلىك شتات
پولىس )قەدىمكى يۇناندا(
Dتارىخ
chéng bāng
شەھەر دۆلىتىDقانۇن
chéng bāng
شەھەر دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
شەھەر دۆلىتى
گرېكچە πσλω سۆزىدىن كېلىپ چىققان، ئاھاڭ تەرجىمىسى <پولىس>، ئېنگلىزچە Polis، شەھەر دۆلىتى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە بىر شەھەرنى مەركەز قىلىپ، ئەتراپىدىكى يېزا - كەنت (يېزا جامائەسى)رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، بىرلىككەكەلگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىنى شەكىللەندۈرگەن. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى دەۋردە مېسوپوتامىيە ۋادىسى (ھازىرقى ئىراق)نىڭ جەنۇبىدا دەسلەپكى قەدەمدە شەھەر دۆلەتلىرى، مەسىلەن: ئۇر، ئۇرۇك ۋە لاگاش قاتارلىقلار مەيدانغا كەلگەن. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە باشقا قەدىمكى مەدەنىيەتلىك رايونلار (ئېگېي دېڭىز تەۋەسى، جەنۇبىي ئاسىيا)دىمۇ شەھەر دۆلەتلىرى پەيدا بولغانلىقى مەلۇم. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا قەدىمكى يۇنان دۇنياسى ۋە ئىتالىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ ئارقا - ئارقىدىن بىر تۈركۈم شەھەر دۆلەتلىرى مەيدانغا كەلگەن. تىپىك يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى ئادەتتە قۇلدارلارنىڭ ئاقسۆڭەك سىياسىتى ياكى دېموكراتىك (ئاددىي خەلق) سىياسىتىنى يولغا قويغان، سپارتا ۋە ئافىنا شەھەر دۆلەتلىرى ئاشۇ خىل سىياسەت يۈرگۈزۈشنىڭ ۋەكىللىك تىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەھەر دۆلەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىي ئورنى توغرىسىدا ھەرخىل قاراشلار بار. يەنى، شەھەر دۆلىتى قەدىمكى دەۋردە ھەرقايسى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر جەزمەن بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچ دەپ قارايدىغانلارمۇ؛ شەھەر دۆلەتلىرى ئاساسەن كلاسسىك دۇنيادا مەۋجۇت بولغان دەپ قارايدىغانلارمۇ؛ شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى قەدىمكى دەۋر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئوتتۇرا قەدىمكى ۋە يېقىنقى دەۋرلەردىمۇ بولغان دەپ قارايدىغانلارمۇ بار.