Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
چەكلەنگەن ھەربىي ئىشلار دائىرىسىگە توپلىشىپ بېسىپ كىرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
聚众冲击军事禁区罪
jù zhòng chōng jī jūn shì jìn qū zuì
بۇ - ھەربىيلىك سالاھىيىتى يوق كىشىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ چەكلەنگەن ھەربىي ئىشلار دائىرىسىنى قوغداش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، چەكلەنگەن ھەربىي ئىشلار دائىرىسىگە توپلىشىپ بېسىپ كىرىپ، بۇ جاينىڭ تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - چەكلەنگەن ھەربىي ئىشلار دائىرىسىنىڭ باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە چەكلەنگەن ھەربىي ئىشلار دائىرىسىگە توپلىشىپ بېسىپ كىرىپ، بۇ جاينىڭ تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولۇپ، پەقەت چەكلەنگەن ھەربىي دائىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان باشلامچى ئۇنسۇرلار ۋە باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
371 - ماددا 1 - تارماق چەكلەنگەن ھەربىي ئىشلار دائىرىسىگە توپلىشىپ بېسىپ كىرىپ، شۇ دائىرىنىڭ تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلارنىڭ باش ئۇنسۇرلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.