Uyghurئاساسىي لۇغەت
چەك چاستوتىسى
پسىخولوگىيە
غىدىقلىغۇچ ئۈزلۈكسىز ئەمەس، ئۈزۈلۈپ - ئۈزۈلۈپ تەسىر قىلغاندا، ئۈزۈلۈش چاستوتىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تەسىر ئۈزلۈكسىز تەسىر بولۇپ سېزىلىدۇ. كۆرۈش سەزگۈسىدە بۇخىل ھادىسە نۇرنىڭ قوشۇلۇپ كېتىش ھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مۇنداق ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشى تەسىرنىڭ قالدۇق رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۈزلۈكسىز سەزگۈنى قوزغايدىغان ئەڭ كىچىك ئۈزۈلۈش چاستوتىسى چەك چاستوتىسى (كرىتىك چاستوتا) دەپ ئاتىلىدۇ. نۇرنىڭ كۈچى نۇرنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىدىكى چەك چاستوتىسىغا تەسىر قىلىدۇ.