Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
چىچېرىن
دۇنيا تارىخى
契切林
qì qiē lín
(1872 - 1936) سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى. پېتربۇرگ داشۆسىنى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن چارروسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن. 1904-يىلى ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 1905-يىلى برلىندا روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ خىزمىتى ۋە ئەنگليە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىللىرى بىر مەھەل مېنشىۋىكلارغا تەۋە بولۇپ كەتكەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ بولشىۋېكلارغا قاتناشقان. 1918 - 1930 - يىللىرى تاشقى ئىشلار خەلق كومېسسارى بولۇپ ئىشلىگەن. ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ گېرمانىيە بىلەن <بىرېست - لىتوۋسك سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالىغان، گېنويە، لوسان قاتارلىق خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتناشقان. 14 ـ ۋە 15-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.