Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
چېچەكلەتكۈچى گورمون
بىئولوگىيە
开化激素
kāihuàjīsù
ئۆسۈملۈك ۋېگېتاتىۋلىق ئۆسۈشتىن كۆپىيىپ يېتىلىش باسقۇچىغا كىرگەندە يورۇقلۇق دەۋرىلىكىنى سېزىدىغان ئورۇن يوپۇرماق چېچەكلەشنى غىدىقلايدىغان مەلۇم خىل ماددا ياكى سىگنالنى ھاسىل قىلىپ غولىنىڭ ئۇچىدىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلمىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن گۈل ئىپتىدائىي تەنچىسى ھاسىل بولىدۇ ياكى شەكىللىنىپ چېچەكلەيدۇ. بۇ خىل ماددا چېچەكلەتكۈچى گورمون، چېچەكلەشنى غىدىقلىغۇچى ماددا دەپ ئاتىلىدۇ. يوپۇرماقنى ئېلىۋېتىش ۋە ئۇلاق ئۇلاش قاتارلىق تەجرىبىلەر ئارقىلىق، بۇ خىل چېچەكلەشنى غىدىقلىغۇچى ماددىنىڭ ئىندۇكسىيىلىنىدىغان ئورۇندىن غولىنىڭ ئۇچىغا يۆتكىلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. بۇ خىل ماددىنى ھەتتا يالغۇز يوپۇرماقتىن سىرتقا يۆتكەپ باشقا ئۆسۈملۈك تۈپلىرىنىمۇ چېچەكلەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ھەر بىرىدە ئىككى تالدىن شاخ بولغان ئالتە تۈپ بۇدۇشقاقنى ئارقىمۇ ئارقا ئۇلاپ، پەقەت بىر ئۇچىدىكى ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ بىر تال يوپۇرمىقىنى يورۇقلۇق دەۋرىلىكىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئورۇنغا، باشقا ئۆسۈملۈك تۈپلىرىنى يورۇقلۇق دەۋرىلىكىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئورۇنغا قويغاندا، نەتىجىدە ھەممە ئۆسۈملۈك تۈپى چېچەكلىگەن. بۇ تەجرىبە چېچەكلەشنى غىدىقلىغۇچى ماددا ياكى سىگنالنى ئۇلاق ئارقىلىق تارقىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئىندۇكسىيىلەنگەن ھالەتنى ئىندۇكسىيىلەنمىگەن يوپۇرماققا تارقىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆسۈملۈكتىن چېچەكلەتكۈچى ماددىنى ئېلىش، ئايرىش ۋە باھالاپ بېكىتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن تا ھازىرغىچە مۇتلەق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. بىراق چېچەكلىگەن بۇدۇشقاقنىڭ يوپۇرمىقدىن ئايرىۋېلىنغان بىر خىل يىرىك ماددىنى لانولىن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ۋېگېتاتىۋلىق ئۆسۈۋاتقان بۇدۇشقاققا ئىشلەتكەندە 50% تۈپ چېچەكلىگەن. كېيىن يەنە ئوتتۇرا كۈنلۈك ئۆسۈملۈك ئاپتاپپەرەسنىڭ چېچەكلىگەن تۈپىنىڭ يوپۇرمىقىدىن يىرىك ماددىنى ئايرىۋېلىپ ۋېگېتاتىۋلىق ئۆسۈۋاتقان بۇدۇشقاققا ئىشلەتكەندە 20% تۈپ چېچەكلىگەن. بۇ يىرىك ماددا كىسلاتالىق بولۇپ، فلورېگېنىك كىسلاتا(florigenic acid) دەپ ئاتىلىدۇ. بىراق بۇ خىل ماددىنى يەنىمۇ ساپلاشتۇرسا ئاكتىپلىقىنى يوقىتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئاكتىپلاشقان ماددىسى تا بۈگۈنكى كۈنگىچە خىمىيىلىك ئۇسۇلدا باھالاپ بېكىتىلمىدى.