Uyghurئاساسىي لۇغەت
چېچەك چىقماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆچمە: ئىش _ ھەرىكەت كاشلىغا ئۇچرىماق، پېشكەللىك يۈز بەرمەك.
ئىش ماڭسا چېچەك چىقماي مۇشۇ پېتى، تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ ئاقىۋىتى. سېنىڭ ئىشىڭغا تۈك چىقىپ قاپتۇ. ئىشمىز بىر ئوبدان يۈرۈشۈپ كېتىۋاتاتتى، نېمە بولدى، توساتتىن چىگىت چېقىپ قالدى. پىستان چاقمىسىلا، ئىشىمىز قەرەلىدە پۈتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
پىلانلانغان، قىلماقچى بولغان بىرەر ئىش - ھەرىكەتتىن چاتاق چىقماق، كاشىلا تۇغۇلماق، توسالغۇ ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماق: مەسىلىھەتسىز قىلىنغان ئىشتىن چېچەك چىقىدۇ (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بەدەندە چېچەك پەيدا بولماق.
كۆچمە. پىلانلانغان، قىلماقچى بولغان بىرەر ئىش - ھەرىكەتتىن چاتاق چىقماي، كاشىلا تۇغۇلماق؛ توسالغۇ ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماق.
مەسلىھەتسىز قىلىنغان ئىشتىن چېچەك چىقىدۇ (ماقال).