Uyghurئاساسىي لۇغەت
چىبچالار
دۇنيا تارىخى
لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىندىئانلارنىڭ بىر تارمىقى. ئاساسەن ھازىرقى كولومبىيە، ۋېسۇئېلا، پانام ۋە گوستا - رىكادا ئولتۇراقلاشقان. مۇئىسكا، بورۇكا، بىربىرىس، گۇئاتۇسو قاتارلىق قەبىلىلىرى بار. ئانلىق ئۇرۇقداشلىق جامائەسىگە تەۋە بولۇپ، قەبىلە باشلىقى، ئەركىن پۇقرا ۋە قۇللارغا بۆلۈنگەن. تەخمىنەن 1536-ۋە 1541-يىللىرىدائىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەتكەئ ىگە. ئاساسەن دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ياڭيۇ، كۆممىقوناق، كېۋەز قاتارلىقلارنى ئۆستۈرگەن. ئۇلار ئالتۇن، مىس زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا ئۇستا بولغان ھەمدە زۇمرەت قازغان، رەخت توقۇغان ۋە ساپال قاچىلارنى ياسىغان. سودا پائالىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. كۈن، ئاي، يەر ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنغان. ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.