Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاۋشيەن ئېلىپبەسى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەندىكى لى سۇلالىسى دەۋرىدە يارىتىلغان چاۋشيەن يېزىقى. بۇ يېزىق ئېلىپبەلىك يېزىققا يوق بولۇپ، خەنزۇ تىل - يېزىقى ئىشلىتىلگەن. شۇڭا تىل بىلەن يېزىق بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ كەتكەن. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا سول چون خەنزۇچە ھەرپلەر بىلەن چاۋشيەن تىل تاۋۇشلىرىنى خاتىرىلەيدىغان ئەمەلدارلار يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. لېكىن يەنىلا خەنزۇ تىل - يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىيەلمىگەن. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەت يۈكسەلگەنلىكتىن، ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىنى يارىتىشقا جىددىي ئېھتىياج بولغان. شىزۇڭ دەۋرىدە (1418 - 1450 - يىللىرى تەختتە) ئوردىدا تىل - يېزىق جۇجۇقى قۇرۇلۇپ، جېڭ لىنجژ، چېڭ سەنۋېن، شېن شۇجۇ، جياڭ شيەن قاتارلىق ئالىملار چاقىرتىلىپ، چاۋشيەن تىلى فونېتىكىسى بىلەن خەنزۇتىلى فونولوگىيىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان. 1444 - يىلى 1 - ئايدا 28 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان ئېلىپبەلىك يېزىق ئىجاد قىلىنىپ، 1446 - يىلى <چاۋشيەن ئېلىپبەسى> نامى بىلەن ئېلان قىلىنغان. بۇ ئېلىپبەدە 11 سوزۇق تاۋۇش ھەرپى بار بولۇپ، ئۇلار <.،،ا>دىن ئىبارەت ئۈچ ھەرپنى ئاساس قىلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىرىكتۈرۈش يولى بىلەن تۈزۈلگەن. ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى 17 دانە بولۇپ، بۇلار كالپۇك، چىش، تىل، كېكىردەك، بۇرۇن قاتارلىق تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ ئورنىغا سىمۋول قىلىنغان. چاۋشيەن يېزىقىدا ھەرپلەرنى قوشۇپ يېزىش ۋەھەجىلەش ئۇسۇلى سولدىن ئوڭغا، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تەرتىپتە بولۇپ، باش تاۋۇش (بوغۇم باش تاۋۇشى)، ئوتتۇرا تاۋۇش (بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش)، سوڭ تاۋۇش (بوغۇم ئاخىرى تاۋۇشى) لارغا بۆلۈنگەن. باش تاۋۇش ۋە ئاياغ تاۋۇشلارغا بولسا سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى ئىشلىتىلگەن. سۆز ياساش قائىدىلىرى ۋە ھەرپ شەكىللىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ھەرپلەرنىڭ سىزىقلىرى ئاددى ۋە ئېنىق؛ ھەجىلەش ئۇسۇلى ئوڭاي ھەم جانلىق بولغان. شۇڭا ئۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يېزىقلىرى ئىچىدە ئۆزگىچە بىر مۇنەۋۋەر يېزىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چاۋشيەن ئېلىپبەسىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى چاۋشيەن تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ چوڭ ئىش بولۇپ، چاۋشيەننىڭ مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.