Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
چاۋاننېس
دۇنيا تارىخى
沙畹
shā wǎn
(1865 - 1918) فرانسىيىلىك جۇڭگوشۇناس. پارىژ ئالىي دارىلمۇئەللىمىنىنى پۈتتۈرگەن. فرانسىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئىشلىگەن. 1893 - يىلى فرانسىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1895 - يىلدىن تارتىپ فرانسىيە ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان. شەرقشۇناسلىق ژورنىلى - <ئومۇمىي خەۋەرلەر>نىڭ تەھرىرلىكىگە قاتناشقان. 1916 - يىلى ئەنگىلىيە خانلىق ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇزاق ۋاقىت جۇڭگو قەدىمكى زامان تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ھەمدە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1895 - 1901 - يىللىرى سىماچيەننىڭ بەش جىلدلىق <تارىخنامە> سىنى تەرجىمەقىلىپ چىققان. 1894 - يىلى <پالنامە> نىڭ فرانسۇزچە تەرجىمىسىنى نەشىر قىلدۇرغان. ستېيىن جۇڭگو شىنجاڭ رايونىدىن ئېلىپ كەتكەن قەدىمكى زامان كلاسسىك ئەسەر، قول يازما ھۆججەت ۋە تارشا پۈتۈكلەرنى تاللاپ ئېنىقلاپ چىققان ھەمدە ئىزاھلاپ توپلام قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق <غەربىي تۈركلەرنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى>، <جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك خاتىرىلەر> ناملىق تەرجىمە ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
沙瓦讷
shā wǎ nè