Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
查特吉
دۇنيا تارىخى
چاتتېرجى
(1) بانكىم چاتتىرجى (1838 - 1894) ھىندىستان يازغۇچىسى. ئەڭ دەسلەپ بېنگال تىلىدا ئەسەر يازغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ، خەلقنىڭ جانلىق تىلى بىلەن ئەسەر يېزىش ماھىرى. ئەسەرلىرىنىڭ تىلى ئاددىي ھەم چۈشىنىشلىك بولۇپ بېنگال تىلىدا يېزىلىدىغان نەسىرچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىان. 1872-يىلى <بېنگال ئوبزورى> ناملىق ژۇرنالنى نەشر قىلىپ، ئەدەبىي ئەسەر ۋە سىياسىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان. ئەسەرلىرىدە كۆپرەك تارىخىي ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەپ، مۇستەملىكە تۈزۈمنى كەسكىن سۆككەن. ئۇنىڭ <سەمىمىيىلىك> (1874) دېگەن رومانىدا بېنگال خەلقىنىڭ ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھىندىستاننى ئىشغال قىلىشىغا قارشى كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن. <شادلىققا چۆمگەن ئىبادەتخانا> دا (1882) ھىندىستاندىكى دەرۋىشلەرنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى ئىش - ئىزلىرى بايان قىلىنغان. بۇ كىتابتىكى <سالام ۋەتەن> ناملىق شېئىرى 1905-يىلىدىكى ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكەتتە داڭلىق ناخشىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <گوموراگېندۇ>، <زەھەرلىك دەرەخ> ۋە <قەلئە قوماندانىنىڭ قىزى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) سارات چانتىرجې (1876 - 1938) ھىندىستان يازغۇچىسى. بالىلىق چاغلىرىدا نامراتچىلىقتا ئۆتۈپ، بېنگالنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. كېيىن بىرمىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ بېنگال تىلىدا ئەسەر يازغان. چاتتىرجېنىڭ ئوتتۇز نەچچە پارچە رومان، پوۋېست ۋە ھېكايە توپلىمى بار. ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنىدا كۆپىنچە جمئىيەتتىكى زىددىيەتلەر، جاھانگىرلىكنىڭ زۇلىمىغا قارشى تۇرۇش، ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش، نامراتلارغا خەيرىخاھلىق قىلىش، كىشىلەرنىڭ بەختتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئىنسانلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىق ئەركىنلىكىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى <ئاچا>، <پۇلى بار خۇجايىن>، <يېزا، قىشلاق جەمئىيىتى>، <كۆيدۈرۈلگەن ئۆي> ۋە <چىرايلىق جورا> قاتارلىقلار بار.