Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاتاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. ئوڭۇشسىزلىق، پىشكەللىك.
چاتاق بولماق، چاتاققا قالماق.
2. ئەيىب، ئىۋەن، نوقسان. چاتاق تاپماق.* چاتاق ئىزدىگەنگە باھانە تېپىلىدۇ ( ماقال ).
3. جېدەل، ماجىرا. چاتاقچى.* چاتاق چىقماق.* چاتاق چىقارماق.* چاتاق تېرىماق.
4. كاشىلا، ئاۋارىچىلىك. چاتاق بولماق.* ئىش چاتاق.* چاتاق سالماق.
5. مۇناسىۋەت، ئالاقە. سېنىڭ نېمە چاتىقىڭ.* چاتىقىم يوق.* چاتىقىڭ بولمىسۇن.
6. غەم، ئوي _ خىيال. ئۇ يەردە، ماگىزىنغا ئوت كەتكەن تۇرسا، چاتىقىڭدا يوق ئولتۇرىسەنغۇ!
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش _ ھەرىكەتكە توسقۇن ۋە پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان ئىش _ ھەرىكەت.
چاتاق يوق دېگەن يەردە چاتاق تولا. چاتاق چىقارساڭ، چايدىن كېيىن چىقار. سۆز قوغلىغان كاشىلىغا يولۇقار، يول قوغلىغان خەزىنىگە.
شىۋىلەر
پۇتاق، شاخ. مەسىلەن: چاتىماق - پۇتىماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. بىرەر ئىش - ھەرىكەت تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن ئوڭۇشسىزلىق؛ يامان ئاقىۋەت، پېشكەللىك.
چاتاق بولماق. چاتاققا قالماق.
ئى. بىرەر ئىش - ھەرىكەت ياكى بىرەر نەرسىدىن كۆرۈلگەن ئاۋارىچىلىك؛ توسالغۇ، كاشىلا.
چاتاق تاپماق. چاتاق چىقماق.
سۈپ. خاتا قىلىنغان، توغرا بولمىغان؛ ناتوغرا.
چاتاق ئىش.
ئى. بىرەر سەۋەب تۈپەيلى يۈز بەرگەن ماجىرا؛ ئۇرۇش، جېدەل.
چاتاق چىقارماق.
ئى. ئەيىب، نۇقسان، ئېۋەن.
قېنى بۇ ئەينەك بىلەن ئارقىڭىزنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ، چاتاق بارمۇ - يوق؟
سۈپ. كۆچمە. ساغلام ئەمەس، ساغلام بولمىغان؛ كېسەل، ئاغرىق.
ئاشقازىنىڭىز چاتاق ئىكەن، داۋالىنىڭ.
ئى. كۆچمە. مۇناسىۋەت، ئالاقە.
سېنىڭ ئىشىڭ بىلەن مېنىڭ نېمە چاتىقىم.
ئى. مەلۇم بولمىغان، مۇرەككەپ، مۈجمەل تەرەپ.
ھۆسەن ئاكام چاتاقنىڭ نەدىلىكىنى تاپالماي، ھەم ھەيران بولدى، ھەم سوغۇققانلىق بىلەن سەۋەبىنى ئىزدىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دەرەخ غولىدىن ئايرىلىپ چىققان شاخ؛ پۇتاق.
چاتاق كەسمەك. چاتاق پۇتىماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
غولىدىن ئايرىلىپ چىققان شاخ. پۇتاق.
دەرەخنىڭ چاتاقلىرىنى كېسىۋەتمەك.* كېۋەزلەر چاتاقلاپ كېتىپتىكەن، چاتاقلىرىنى چاتاقلىۋەتتۇق.