Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
查士丁尼法典
دۇنيا تارىخى
يۇستىنىئان قانۇنى
رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ قانۇنلار توپلىمى بولۇپ، <دۆلەت قانۇنى قامۇسى> نىڭ تەركىبىي قىسمى. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى يۇستىنىئاننىڭ پەرمانى بويىچە تۈزۈلگەنلىكتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. يۇستىنىئان مىلادى 528 - يىلى ترىبونېئان ( ؟ - 545) باشچىلىقىدىكى ئون نەپەر قانۇنچىنى تەيىنلەپ تەشكىللىگەن كومىتېت رىم ئىمپېرىيىسى مەزگىللىرىدىكى خۇسۇسىيلار تۈزگەن <گرېگورې قانۇنى> (291 - يىلى)، <ھېرموگېن قانۇنى> (294 - يىلى) ۋە دۆلەت تەرەپ تۈزگەن <تېئودوس قانۇنى> (438 - يىلى ئېلان قىلىنغان، كونستانتىن Ⅰ دىن تېئودوس دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان پادىشاھلارنىڭ ئەمر - پەرمانلار توپلىمى) نى سېلىشتۇرۇپ، بېكىتىپ، بەزىبىر ئېنىق بولمىغان ماددىلارنى چىقىرىۋېتىپ ھەمدە تېئودوستىن كېيىنكى بارلىققا كەلگەن قانۇنلارنى كىرگۈزۈپ، 529 - يىلىغا كەلگەندە ئون توملۇق قانۇنلار توپلىمىنى تۈزۈپ چىققان. 534 - يىلى ترىبونېئان باشچىلىقىدىكى كومىتېت يەنە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنى تولۇقلاپ 12 توم قىلىپ تۈزۈپ چىققان. ئىمپېراتور ھادرىئاندىن تارتىپ 534 - يىلىرىغىچە ئۆتكەن رىم ئىمپېراتورلىرى ئېلان قىلغان قانۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.