Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاسا سەپ
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى پىيادە ئەسكەرلەرنىڭ زىچ سەپكە تۇرىدىغان جەڭگىۋار سېپى. قەدىمكى يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى (مەسىلەن: تىبىس قاتارلىقلار) بولۇپمۇ ماكېدونىيە پادىشاھلىقى چاسا سەپ تاكتىكىسى جەھەتتە مەشھۇر بولغان. يەنى، ئۇرۇش قىلغان چاغدا قولىغا ئۇزۇن نەيزە ۋە قالقان ئالغان پىيادە ئەسكەرلەر زىچ سەپ بولاتتى؛ سپارتادا ئادەتتە بىر سەپتە سەككىز قۇر، تېبىسدا (ئېپامنونۇس) بىر سەپتە 12 قۇر، ماكېدونىيىدە بولسا بىر سەپتە 16 قۇر ئادەم (كۆپ بولغاندا 24 قۇر) بولاتتى. ھەربىر چاسا سەپتە تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئادەم بولاتتى. توغرا سەپ بويىچە يۈرۈش قىلغان ئەسكەرلەر زىچ سەپ بولۇپ، قاتارلار ئارىلىقى ھۇجۇمغا ئۆتكەندە بىر مېتىردىن ئاشمايتتى. پۈتۈن سەپنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىرغا سوزۇلاتتى. مەسىلەن: ماكېدونىيە چاسا سېپىنىڭ يادروسى ئېغىر قوراللانغان پىيادە ئەسكەر بولۇپ، ئەسكەرلەر پۈتۈن بەدىنىنى توسۇپ تۇرىدىغان چوڭ قالغان، قىلىچ ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللىناتتى، كەينىدىكى قاتاردا تۇرغان ئەسكەرلەرنىڭ نەيزىلىرى ئالدىدىكى قاتاردىكى ئەسكەرلەرنىڭ مۇرىسىگە قويۇلاتتى، بۇنداق قىلغاندا ئالدىدىكى قاتاردىكىلەر كەينىدىكى قاتاردىكىلەرنىڭ (بەزىدە بىر نەچچە قاتاردىكىلەرنىڭ نەيزىسىنىڭ مۇھاپىزىتىگە ئېرىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېنىك قوراللانغان ئەسكەرلەر ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر چاسا سەپنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. مۇنداق زىچ ھالەتتىكى نەيزىلىك سەپنىڭ ئۇدۇلدىن زەربە بېرىش كۈچى ئىنتايىن قاتتىق بولاتتى، لېكىن ئۇلاردا جانلىقلىق كەمچىل بولۇپ، ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا ھەمىشە قالايمىقانىلىشىپ كېتەتتى. نەتجىدە، قارشى تەرەپ ئوڭايلا سەپنى بۆسۈپ تاشلايتتى.