Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
چارلېس
دائىرە: دۇنيا تارىخى查理十世
chá lǐ shí shì
(1757 - 1836) فرانسىيە كورۇلى (1824 - 1830). لۇئى ⅩⅥ ۋە لۇئى ⅩⅤⅢ نىڭ ئۇكىسى. دەسلەپ گراف ئاتوۋا دەپ ئاتالغان. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتىلىغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ، جاھىل مۇنارخىستلارنىڭ كاتتىبېشىغا ئايلىنىپ كەتكەن ۋە ۋاندىيىگە بېرىپ توپىلاڭغا باشچىلىق قىلغان. 1814-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. لۇئى ⅩⅤⅢ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى پادىشاھلىق تەختىنىڭ ۋارىسى دەپ بېكىتىلگەن. 1824-يىلى لۇئى ⅩⅤⅢ ئۆلگەندىن كېيىن تەختكە چىقىپ بىر قاتار ئەكسىيەتچى ئەمر - پەرمانلارنى، مەسىلەن: <تەڭرىگە بىھۈرمەتلىك قىلىش قانۇنى>، <شېھىتلەرگە بىر مىليارد فرانك پۇل تۆلەش قانۇنى>، <نەشرىياتچىلىق پەرمانى> ۋە <ئىيۇل پەرمانى> قاتارلىقلار چىقارغان. 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇلغان. كېيىن مەملىكەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغان، كېيىن ئاۋسترىيىدە ئۆلگەن.
دائىرە: دۇنيا تارىخى查理五世
chá lǐ wǔ shì
(1337 - 1380) فرانسىيە ۋارۇيا سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1364 - 1380) يۈز يىللىق ئۇرۇش (1337 - 1453) داۋامىدا فرانسىيە كورۇلى جۇئان Ⅱ (ئاق كۆڭۈل) 1356 - يىلى پوئىتېرېس جېڭىدە ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشكەن، چارلېس ۋەلىئەھدلىك سالاھىيىتى بىلەن دۆلەتنى نازارەت قىلىپ تۇرغان. 1357-يىلى ئېتېننې مارسېل باشچىلىقىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا <مارت پەرمانى> نى ئېلان قىلىپ، ئۈچ دەرىجىلىكلەر كېڭىشىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا قوشۇلغان، لېكىن ھېچقايسىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، 1358-يىلى پارىژ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. كېيىن ناۋاررا كورۇلى چارلېس (ئۇششۇق) بىلەن بىرلىشىپ جاكوئىس قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1360-يىلى ئەنگلىيە بىلەن <برېنتىگنى سۈلھ شەرتنامىسى> تۈزگەن. 1364-يىلى دادىسى لوندوندا تۈرمىدە ئۆلگەن. شۇنداق قىلىپ، رەسمىي تەختكە چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، باجنى تەرتىپكە سېلىپ، دۆلەتنى كۈچەيتكەن. 1369-يىلى ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇشنى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1314-يىلغىچە كالى قاتارلىق بەش شەھەردىن باشقا، ئەنگلىيە ئىشغالىيىتىدىكى فرانسىيىنىڭ بارلىق زىمىنىنى قايتۇرۇۋالغان.
دائىرە: دۇنيا تارىخى查理一世
chá lǐ yí shì
(1630 - 1685) ئەنگلىيە ستۇئارت سۇلالىسىنى كورۇلى (1660 - 1685)، چارلېس Ⅰ نىڭ ئوغلى. ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغان، 1646-يىلى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1650-يىلى شوتلاندىيىگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە ئەنگلىيىگە تاجاۋۇز قىلغان. 1651-يىلى كرومۋېل تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، فرانسىيىدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن. 1660-يىلى قايتىدىن تىرىلىپ، پادىشاھلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىستېىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرگەن. دۆلەت دىنىدىن پايدىلىنپ پورىتانلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. ئەنگلىيە بۇرژۇئائىنقىلابىغا قاتناشقۇچىلارنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۇلارنى تەقىپ ئاستىغا ئالغان. ھەتتا كرومۋېل قاتارلىقلارنىڭ جەسىتىنى قاتتىق قامچىلىغان. كېيىن <كابال> گۇرۇھىدىكى بەش ۋزىرنى ئەتىۋارلىق ئىشقا سالغان. ھاكىمىيەت يۈگۈزگەن مەزگىللىرى ئىككى قېتىم گوللاندىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، گوللاندىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىنى تارتىۋالغان؛ شۇنىڭدەك كاتولىك دىنىي كۈچلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن <ختابنامە> نى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان. لېكىن پارلامېنت بىلەن كورۇل ئوتتۇرىسىدكى كۈرەش يەنىلا داۋاملاشقان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.