Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
چارەك
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
秤子
chèng zǐ
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىر چارەك يەنە بىر چارەك ئۇرۇق (يەنى 16 جىڭ ياكى 20 جىڭ ئۇرۇق) چېچىلىدىغان يەرنى كۆرسەتتى. يەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ئازادلىقتىن ئىلگىرى بىر چارەك يەنە بىر خو يەرگە باراۋەر قىلىپمۇ ھېسابلانغان.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
四分之一, 刻
sì fēn zhī yī , kè
① كالىندار ھېسابىدا بىر پۈتۈن ۋاقىت بىرلىكىنىڭ تۆتتىن بىرى. چارەك ئەسىر - 25 يىلنى؛ چارەك سوتكا - ئالتە سائەتنى؛ چارەك سائەت - 15 مىنۇتنى بىلدۈرىدۇ. ② مەكتەپلەردە بىر ئوقۇش يىلىنىڭ تۆتتىن بىرى، بىر مەۋسۈمنىڭ يېرىمى <چارەكلىك ئىمتىھان - يېرىم مەۋسۇملۇق ئىمتىھان>. ③ ئەنئەنىۋى ئېغىرلىق، ھەجىم بىرلىكى.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
豆秤子
dòu chèng zǐ
چارەك - پارچە سۆز بولۇپ، <تۆتتىن بىرى> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئادەتتە، ۋاقىت، ئېغىرلىق، مەيدان ۋە ئۇزۇنلۇق بىرلىكى قىلىپ قوللىنىلىدۇ.
شاۋ ئەپەندىنىڭ <سۆزلۈك لۇغىتى> دە مۇنداق دېيىلگەن: <شىنجاڭدا ئۈچ خىل چارەك ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ بىر خىلى خام يىپەك، بوياق ماتېرىياللىرى، خۇشپۇراق ماتېرىياللار ۋە چايلارنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىر چارىكى تۆت جىڭ ياكى بەش قاداققا باراۋەر؛ ئىككىنچى بىر خىلى ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ ئۇ >ئاشلىق تېشى<، >ئاشلىق تارازىسى ياكى <تۆت تاش> يەنى <تۆت تارازا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ بىر چارىكى 12.5 جىڭ ياكى 16 قاداق كېلىدۇ. يەنە بىر خىلى <بەش تاش> ياكى <بەش تارازا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ بىر چارىكى 16 جىڭغا ياكى 20 قاداققا تەڭ بولغان.
كروپاتكىننىڭ تەكشۈرىشىگە ئاساسلانغاندا چارەك ئەينى دەۋردە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئۆلچەيدىغان چارەك ۋە مېتال بۇيۇملار، سۇيۇقلۇقلار ۋە ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنى ئۆلچەيدىغان چارەك دەپمۇ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنگەن. ئالدىنقىسى 16 جىڭ ياكى 24 قاداققا، كېيىنكىسى 12.5 جىڭ ياكى 18.75 قاداققا تەڭ بولغان.
يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چارەك ئۈچ خىل ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى بولۇپ ھەم ئۆلچەش ئەسۋابى ھەم ئېغىرلىقىنى ھەم يەر كۆلىمىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا ئادەتتە <چارەك>، <بىر چارەك ئاشلىق> <بىر چارەكلىك يەر> دېگەندەك ناملار كېلىپ چىققان. چارەكنىڭ قانداق شەكىلدىكى ئۆلچەش ئەسۋابى توغرىسىدا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن چۈن يۈەننىڭ <71 خاتىرە> ناملىق ئەسىرىدە: <ئۇيغۇرلار تارازىنىڭ ئىككى بېشىغا ئوخشاش نەرسە قويۇپ، ئىككى تەرەپ تەڭپۇڭلاشقاندىن كېيىن، بۇ نەرسىلەرنى ئالماشتۇرىدۇ. بۇنى >چارەك< دەپ ئاتايدۇ> دەپ خاتىرىلەنگەن. يەر مەيدانىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا بىر چارەك بىر مو يەرگە تەڭ بولغان.
جى داجۇن ئەپەندى چارەكنىڭ ھەر قايسى جايلاردا ئوخشاش بولمىغان قىممىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى (مەسىلەن: ئازادلىقتىن كېيىن، 50 - يىللارنىڭ باشلىرىدا خوتەن، قاراقاش، گۇما قاتارلىق جايلاردا بىر چارەكنى 16 جىڭغا، قەشقەر كونا شەھەردە 20 جىڭغا، ئاقسۇ ۋە كۇچادا 24 ۋە 25 جىڭغا تەڭ قىلىپ ھېسابلىغان) ئاساس قىلىپ مۇنداق تۆت تىپقا ئايرىغان.
A تۈردىكى چارەك 9 2.7 كىلوگرام ياكى 4.52 جىڭ
B تۈردىكى چارەك 7.297 كىلوگرام ياكى 12.128 جىڭ
C تۈردىكى چارەك 9.939 كىلوگرام ياكى 16.63 جىڭ
D تۈردىكى چارەك 41.639 كىلوگرام ياكى 24.5 جىڭ
بۇنىڭ ئىچىدە A تىپتىكى چارەك 1900 - يىللاردا، B تىپتىكى چارەك 1900 يىللاردىن 1930 - يىللارغىچە، C تىپتىكى چارەك 50 - يىللارددىن 50 - يىللارغىچە، D تىپتىكى چارەك 50 - يىللاردىن كېيىن قوللىنىلغان. ئازادلىقتىن كېيىن چارەك شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىر مەزگىل قوللىنىلغان بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردا ئوخشاش بولمىغان، يەنى بەزى جايلاردا 10 كىلوگرام، بەزى جايلاردا 15 كىلوگرام، بەزى جايلاردا سەككىز كىلوگرام ۋە بەى جايلاردا 11 كىلوگرام بولغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ چىقىشىچە، ئەينى دەۋردە چارەك <كونا چارەك> ۋە <يېڭى چارەك> دەپ ئايرىلغان. بىر كونا چارەك 1.84 كىلوگرامغا، يېڭى چارەك 40 كىلوگرامغا تەڭ بولغان. ② يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى <چارەك Ⅱ> گە؛ ③ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى <چارەك Ⅲ> گە قاراڭ. ④ ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكى <چارەك Ⅳ> قاراڭ.
GetWord كۇللىياتى
9查拉克
chá lā kè
象角
xiàng jiǎo
象限
xiàng xiàn
刻
kè
弦
xián
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.