Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
چاربازارچىلا ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
兜售客商战争
dōu shòu kè shāng zhàn zhēng
Ⅹ ⅤⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېڭى گۈللەنگەن برازىلىيە ئېكىنزارلىق ئىگىلىرىنىڭ پورتۇگالىيە سودىگەرلىرىنىڭ سودىنى مونوپول قىلىۋېلىشىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشى. پورتۇگالىيە مۇستەملىكە قىلىۋالغان برازىلىيە خەلق پورۇتگالىيىنىڭ مونوپول سودىگرلىرىنى كەمسىتىپ <چاربازارچىلار> دەپ ئاتىغانىلقتىن، مۇشۇ نام بېرىلگەن. ⅩⅤⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ⅩⅤⅢ ئسىرنىڭ باشلىرىدا، پورتۇگالىيە ئىچكى - تاشقى سودىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، يېڭى گۈللەنگەن برازىلىيە ئاقسۆڭەك ئېكىنزالىق ئىگىلىكىرىنىڭ تەرەققىيات يولىنى توسۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتىنى كۈنسايىن ئۆتكۈرلەشكەن. 1709-يىلى برازىلىيە ئېكىنزارلىق ئىگىلىرى پورتۇگالىيە خان جەمەتىنىڭ پورتۇگالىيە سودىگەرلىرى توپلاشقان رېتسې شەھىرىنى مۇستەقىل شەھەر قلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قارارىغا قارشى چىقىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ سودىگەرلىرىنى قوللىغان پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتى بىلەن تقۇنۇشۇپ قالغان، ئاخىرىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ پورتۇگالىيە باش ۋاىيىسىنى باھىياغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. بۇ قوزغىلاڭ 1711-يىلى مۇستەملىكىچى دائىرىلەر تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.