Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاققان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىشنى تېز ۋە جايىدا پۈتتۈرىدىغان، ھەرىكىتى تېز.
تەڭرى پۇت _ قولى چاققانغا ئامراق. چاققان جۇۋاننى بۆشۈك ئاستىدا كۆز. چېچەننىڭ تىلى، چەبدەسنىڭ قولى. ئەپچىلنىڭ ئىشى ئوڭ. توقسانغا كىرگەن تېتىك بولماس. ئايىغى يېنىك ئەلگە ياقىدۇ. ئايىغى ئىتتىك ئاشقا، ئاغزى ئىتتىك باشقا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكىتى ناھايىتى تېز، ئەپلىك.
لايپاس، ئەزمە، ئېزىلەڭگۈ، مىلجىڭ، گىجىڭ، سۆرەلمىپالاس، پالاكەت ، بىجىقىم، ئايىغى ئېغىر
ئىش - ھەرىكىتى ئاستا، قوپال.
چاققان خوتۇننى بۆشۈك تۈۋىدە كۆرۈڭ. چېچەننىڭ تىلى، چەبدەسنىڭ قولى. ئەپچىلنىڭ ئىشى ئوڭ. توقسانغا كىرگەن تېتىك بولماس. ئايىغى يېنىك ئەلگە ياقىدۇ. مىلجىڭنى ئەزمە يېڭىدۇ. ئاغزىڭ ئەپچىل بولغۇچە، قولۇڭ ئەپچىل بولسۇن. گىجىڭدىن قورق. ئېزىلەڭگۈ ئايىغىنى سالغۇچە، چەبدەس يۇيۇنۇپ بولار. بىجىقىم خوتۇن چاي قايناتقۇچە، چاققان خوتۇن ئاش پىشۇرار. پالاكەتنىڭ بېشى يېرىق. سۆرەلمىپالاس ئىش بۇزار. ئايىغى ئېغىر ئىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئىش - ھەرىكەتتە تېتىك، ھارىكەتچان، چەبدەس.
چاققان يىگىت.
رەۋ. چاپسان، تېز، ئىلدام.
چاققان كەلمەك.
قولى گال ئۇستىدىن، ئايىغى چاققان گاداي ياخشى (ماقال).
سۈپ. پايدىلىنىشقا قولاي، ئىخچام، ئەپچىل.
چاققان ئۆي، چاققان ئات.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تېز، چاققان، چەبدەس.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
تېز، چاققان، چەبدەس كىشى.