Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
朝美条约
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەن - ئامېرىكا شەرتنامىسى
تولۇق ئاتىلىشى <چاۋشىيەن - ئامېرىكا سودىنى ياخشىلاش شەرتنامىسى>. 1882 - يىلى 5 - ئايدا، ئامېرىكا چاۋشىيەننى مەجبورلاپ ئىمزالىغان تەڭسىز شەرتنامە. جەمئىي 14 ماددا بولۇپ، ئاساسىي مەزمونى: ئامېرىكا كونسۇللارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش؛ تۆۋەن نىسبەتلىك تاموژنا بېجى تاپشۇرۇش؛ چاۋشىيەن پورتلارنى ئېچىپ سودىنى يولغا قويۇش؛ چاۋشيەندىكى ئامېرىكىلىقلارنى قوغداش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، روسىيە، فرانسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىمۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ چاۋشيەننى بىر قاتار تەڭسىز شەرتنامىلەرنى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، چاۋشىيەننى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرغان.