Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
产甲烷细菌
بىئولوگىيە
مېتان ئىشلەپچىقارغۇچى باكتېرىيە
باكتېرىيىلەر ئىچىدىكى بىر ئالاھىدە فىزىئولوگىيىلىك تۈركۈم. ئۇلار ھىدروگېن گازى ۋە فورمىك كىسلاتاسى قاتارلىقلارنى ئېلېكترون قوبۇل قىلغۇچى بولۇپ، كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنى ئوكسىدسىزلاپ مېتان ھاسىل قىلدۇ، ياكى سىركە كىسلاتاسى ياكى مېتانولنى ئېچىتىپ مېتان ھاسىل قىلىپ بۇ جەرياندا ئۆسۈشكە ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيىگە ئېرىشىدۇ. مېتان ئىشلەپچىقرىدىغان باكتېرىيىلەر تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تاياقسىمان، شارسىمان ۋە بۇرمىسىمان قاتارلىق ھەر خىل ھالەتتە بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوكسىگېننى قەتىئىي خالىمايدىغان باكتېرىيىلەردۇر. ئۇلار تاتلىق سۇ، دېڭىز سۈيىدىكى ھەر خىل چۆكمىلەر ياكى يىغىلما پاتقاقلارغا كەڭ تارقىلىدۇ، بەزى ھايۋانلارنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدىمۇ ئۇچرايدۇ. مېتان پاتقاق گازىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، پاتقاق ئېچىغاندا ھاسىل بولىدىغان مېتان مۇشۇ تۈردىكى باكتېرىيىلەر مېتابولىزم ھەرىكىتىنىڭ مەھسۇلاتى. بىراق، مېتان ئىشلەپچىقىرىدىغان باكتېرىيىلەر ئادەتتىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئاقسىل ۋە باشقا ئورگانىك ماددىلاردىن پايدىلىنالمايدىغان بولغاچقا، ئۇلار باشقا بىر خىل مىكرو ئورگانىزملارنىڭ بۇ خىل ئورگانىك ماددىلارنى پارچىلاپ ھىدروگېن گازى، كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى، فورمىك كىسلاتاسى، ئېتانول ۋە مېتانول قاتارلىق پايدىلانغىلى بولىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىغا ئايلاندۇرۇپ بېرىشىگە تايىنىدۇ، ھەمدە تامامەن ئوكسىگېنسىز شارائىت يارىتىلغاندىلا ئاندىن ئۆسۈپ مېتان گازىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. نۆۋەتتە مېتان ئىشلەپچىقىرىدىغان باكتېرىيىلەرنىڭ مېتابولىزم جەريانىغا بولغان چۈشەنچە ناھايىتى كەڭ بولماقتا، ئۇلاردىن پايدىلىنىش تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.