Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
长寿王
دۇنيا تارىخى
ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك پادىشاھ
چاۋشيەندىكى كورىيە دۆلىتىنىڭ پادىشاھى (413 - 914). ئىسمى جۈليەن. پادىشا گۇاڭ كەيتۇنىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىلدە كۈچىنىڭ بارىچە كېڭەيمىچىلىك قىلغان. مىلادى 427 - يىلى پايتەختنى گونيى شەھىرىدىن (بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ جىئەن ناھىيىسىدە) پىخىنيانغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، شىمالىي يەن سۇلالىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن (436 - يىلى)، لياۋدۇڭنى ئاسانلا ئىگىلىۋالغان. كېيىن داۋاملىق جەنۇبقا كېڭىيىپ، پېكچى، سىللا قاتارلىقلار بىلەن قارشىلىشىشقا باشلىغان. 475 - يىلى ئەسكەر باشلاپ پېكچىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ پايتەختى سىئولنى (بۈگۈنكى چاۋشيەننىڭ پايتەخت ئەتراپىدىكى ياڭجۇدا) بېسىۋېلىپ، پادىشاھ فۇيۇچىڭنى (پادىشاھ گەي لو) ئۆلتۈرۈپ، خەنجياڭ دەرياسى ۋادىسىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، پېكچىنىڭ يېڭى پادىشاھى ۋېن جۇۋاڭنى پايتەختىنى شيۇجىڭغا (بۈگۈنكى چاۋشيەننىڭ جۇڭچىڭ دېگەن جايىنىڭ جەنۇبىدىكى گۇڭجۇدا) كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ شىمالىي ۋېي ۋە جەنۇبىي سۇڭ، چى قاتارلىق سۇلالىلىرى بىلەن ئىناق ئۆتكەن. بۇ چاغدا كورىيە پادىشاھلىقى تازا روناق تاپقان.