Uyghurئاساسىي لۇغەت
چامپوللىئون
دۇنيا تارىخى
(1790 - 1832). فرانسىيىلىك مىسىرشۇناس ۋە تىلشۇناس. گرېتسىيە ۋە لاتىن تىل - يېزىقىنى پىششىق ئىگىلىگەن ھەمدە كۆپ خىل شەرق تىل - يېزىقلىرىنى تەتقىق قىلغان. 1822-يىلى ئاساسەن روسېتا ئابىدىسىگە قاراپ مىسىرنىڭ تەسۋىرىي يېزىىقىنى تەرجىمە قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، شۇنىڭ بىلەن مىسىرشۇناسلىققا ئاساس سالغان. كېيىن روفول مۇزېيىنىڭ مىسىر بۆلۈمىگە رەھبەرلىك قىلىپ، فرانسىيە ئىنستىتۇتى ئۇنىڭ ئۈچۈن تەسىس قىلغان مىسرشۇناسلىق لېكسىيىسىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. <قەدىمكى مىسىر تىلى گرامماتىكىسى>، < قەدىمكى مىسىر تىلى لۇغىتى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.