Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
查理五世
دۇنيا تارىخى
چارلېس Ⅴ
(1337 - 1380) فرانسىيە ۋارۇيا سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1364 - 1380) يۈز يىللىق ئۇرۇش (1337 - 1453) داۋامىدا فرانسىيە كورۇلى جۇئان Ⅱ (ئاق كۆڭۈل) 1356 - يىلى پوئىتېرېس جېڭىدە ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشكەن، چارلېس ۋەلىئەھدلىك سالاھىيىتى بىلەن دۆلەتنى نازارەت قىلىپ تۇرغان. 1357-يىلى ئېتېننې مارسېل باشچىلىقىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا <مارت پەرمانى> نى ئېلان قىلىپ، ئۈچ دەرىجىلىكلەر كېڭىشىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا قوشۇلغان، لېكىن ھېچقايسىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، 1358-يىلى پارىژ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. كېيىن ناۋاررا كورۇلى چارلېس (ئۇششۇق) بىلەن بىرلىشىپ جاكوئىس قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1360-يىلى ئەنگلىيە بىلەن <برېنتىگنى سۈلھ شەرتنامىسى> تۈزگەن. 1364-يىلى دادىسى لوندوندا تۈرمىدە ئۆلگەن. شۇنداق قىلىپ، رەسمىي تەختكە چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، باجنى تەرتىپكە سېلىپ، دۆلەتنى كۈچەيتكەن. 1369-يىلى ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇشنى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1314-يىلغىچە كالى قاتارلىق بەش شەھەردىن باشقا، ئەنگلىيە ئىشغالىيىتىدىكى فرانسىيىنىڭ بارلىق زىمىنىنى قايتۇرۇۋالغان.