Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاغلا
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل( «چاغ Ⅲ » كە پېئىل ياسىغۇچى قوشۇمچە « لا » قوشۇلغان ).
چاغلىماق، چاغلاش. بودىماق، چەنلىمەك، مۆلچەرلىمەك، دەڭسىمەك.
ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا ( ماقال ).* دۈشمەننى سەل چاغلىساڭ، بېشىڭغا چىقىدۇ ( ماقال ).* ئۆزۈمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
چاغلىماق، چاغلاش. زىرائەت ئارىلىقىنى چاناپ _ چېپىپ يۇمشاتماق.
يەر چاغلىماق.* قوناق چاغلىماق.* كېۋەز چاغلاۋاتقانلار ناخشىنى ياڭرىتىپ، قىزغىن ئىشلىدى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چاغلا.
ئۈچ شەھىرىنىڭ چېتىدىكى بىر يايلاقنىڭ ئېتى (ئاقسۇ ئاسۇقنىڭ غەربىدە ئۈچتۇرپان چېگرىسىغا يېقىن يەردىكى ھازىرقى «چاغلاق» رايونى بولۇشى مۇمكىن.)
1 - 561
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
غورا، ئاچچىق - چۈچۈك؛ ئەمدىلا يېتىلىشكە باشلىغان كىشى.