Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاڭگا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چەرەندە - پەرەندىلەرنىڭ ياشاش ۋە كۆپىيىشىگە لايىق ياسىۋالغان ئۆيى، جايى.
<پەغەز>، <كاتەك> ئادەم تەييارلىغان ئۇۋا.
مۇشتۇمدەك قۇش يۈرەكتەك ئۇۋا سالار. سايرىغان قۇش چاڭگا سالماس. چاڭگا بۇزۇلسا، تۇخۇم ساق قالماس. قۇش ئاشيانىسى بىلەن، ئادەم ئاشناسى بىلەن. تۈلكە ئايەت ئوقۇسا، غازنى كاتەككە سال. كەپتەرگە پەغەز، خەتكە قەغەز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۇچار قۇشلارنىڭ دەل - دەرەخلەر ۋە تام تۆشۈكى قاتارلىق جايلارغا ياسىغان تۇرار جايى؛ ئۇۋا.
چاڭگا تىزماق.
ئى. كۆچمە. ئۆي - جاي، ئائىلە، ماكان.
سەن قاراپ تۇرۇپ بىر بىچارىنىڭ ئاران تىزغان چاڭگىسىنى بۇزماقچىمۇ سەن.
سۈپ. تەرتىپسىز ئۆسكەن، پاخپىيىپ كەتكەن.
ئالتۇن باش داداڭ بىلەن قالغۇچە، چاڭگا باش ئاناڭ بىلەن قال (ماقال).