Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىز
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۆز بىرىكمىسىدە <چاچقۇچى، سەپكۈچى> مەنىلىرىدە كېلىدۇ: ئەنبەربىز - ئەنبەر چاچقۇچى، خۇش ھىد چاچقۇچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
1 - شەخس كىشىلىك ئالمىشى، <مەن> ئەڭ ئومۇمىي، قالغانلىرى ئاز ئىشلىتىلىدۇ، كەمتەرلىك مەنىسى بار.
<بىز> ئالاھىدە ئەھۋالدا بىرلىك ساندا كېلىدۇ.
مېنىڭ ئىدى، سېنىڭ بولدى، سورىۋىدىم دورا بولدى. كەمىنىلىرى بۇ ئىشتىن بىخەۋەر ئىكەن. پېقىر بۇ يەرلىك ئەمەس، مۇساپىر. بىزنىڭ پىكرىمىز؛ بىزنىڭ خوتۇن. بىز ئەمدى تۆۋەندە مەۋجۇدادنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە سۆزلەيمىز.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بىز.
بىز كەلدىمىز _ بىز كەلدۇق.
1 - 426
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
سۆزلىگۈچى ۋە ئۇ كۆزدە تۇتقان، بىرگە بولغان بىرقانچە كىشى.
بىز بۈگۈن بازارغا باردۇق.
بىرىنچى شەخس <مەن> ئورنىدا ئىشلىتىلىپ كەمتەرلىك ياكى ماختىنىش مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.
سىز بىلەن بىز ياخشىدۇققۇ ھاشىم ئاكا.