Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىئېرۇت
دۇنيا تارىخى
(1892 - 1956) پولشا خەلق جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى (1947 - 1952). پولشا بىرلىككە كەلگەن ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى (1948 - 1954). ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1912-يىلى سوتسىيالستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1918-ىلى كومپارتىيىگە قاتناشقان. 1927-يىلىدىن باشلاپ ئۇزاققىچە چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1942-يىلى پولشا ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە مۇشۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، پولشا خەلقىنى مىللىي ئازادلىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىشقا ئاكتىپلىق بىلەن ئۇيۇشتۇرغان. 1944-يىلدىن باشلاپ زۇڭتۇڭ بولغان. 1952 - 1954 - يىللىرى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان؛ 1948-يىلى 9-، 12-ئايلاردا ئىشچىلار پارتىيىسىنى تەشكىل قىلغاندىن كېيىن، رەئىس، بىرىنچى سېكرىتار بولغان (1954 - 1956).