Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بىئوتېخنىكا
دائىرە: بىئولوگىيە生物工程学
shēngwùgōngchéngxué
تېخنىكا بىلىملىرىنى مېدىستىنا ۋە بىئولوگىيە ساھەسىدە قوللىنىدىغان پەن. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى ئادەمنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ياساش، بىئوسىنتېز تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى بولغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، فىزىكا ۋە تېخنىكا پەنلىرىدىن پايدىلىنىپ ئادەم تېنىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىئو تېخنىكا گېن قۇرۇلۇشى ۋە ئېچىتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تېخنىكا سىستېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گېن قۇرۇلۇشىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئېنىزىمىنى تۇراقلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بىئوتېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى ۋە يېمەكلىكلەرنى ئېچىتىش بىئوتېخنىكىسى، ساقلىقنى ساقلاش بىئوتېخنىكىسى ۋە مۇھىت بىئوتېخنىكىسى قاتارلىق تارماق پەنلەر شەكىللەندى.
دائىرە: يېزا ئىگىلىك生物技术
shēng wù jì shù
GetWord كۇللىياتى
9生物技术
shēng wù jì shù
生物技术学
shēng wù jì shù xué
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.