Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېئوتىيە
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇناننىڭ بىر رايونى. جەنۇبىي پارنېس ۋە ئاتتىكا (ئافىنا) بىلەن شىمالىي روكرىس ۋە قوش بىلەن چېگرىداش. غەربىدە ھىلىكون تېغى بار، تېغنىڭ نېرىسىدا كورىنت قولتۇقى، شەرقىي تەرىپى يوبۇيە دېڭىزى ۋە يوبۇيە ئارىلى بىلەن بېقىشپ تۇرىدۇ. قەدىمكى ئاھالىلەردىن ئائونېسلار، لېلېگىسلار بار. كېيىن ئائۇللىلار كۆچۈپ كەلگەن جەنۇبتىكى ئاسوپۇ دەريا ۋادىسى، شىمالىدىكى كوپەي كۆلىنىڭ غەربي تەرەپلىرى تېرىلغۇ قىلىشقا مۇۋاپىق. جەنۇب تەرىپىدە تېبېس، پىلاتې ۋە تاناگرا قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلەر بار؛ شىمال تەرىپىدە ئوكومېنو، كايرونېيە قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەر بار. تېبېس شەھىرىنىڭ ئەتراپى بۇرۇنقى مىكېناي دەۋرىدىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىر بولغان. مىلادىدىن 447 يىل ئىلگىرى تېبېس باشچىلىقىدىكى ئون تۆت شەھەر ئىتىتپاقى قۇرۇلغان؛ ئىتتىپاق ھەر يىلى باشلىق سايلاپ تۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە تېبېس شەھىرىدىن ئىككى ئادەم باشقا شەھەرلەرنىڭ ھەر بىرىدىن بىر ئادەم (ئىتتىپاققا كىرگەن شەھەر ھەمدە باشلىقلارنىڭ سانى ئۆزگىرىپ تۇرغان) سايلانغان. يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىدا پېرسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى پالانې شەھىرىدىن ئەۋەتىلگەن مىڭ كىشىلىك قوشۇن مارافون جېڭىگە قاتناشقان. ئافىنا زومىگەرلىك سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكتىن، پېلوپوننېس ئۇرۇشىدا ( مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلى) تېبېس شەھىرى سپارتالىقلارغا ياردەم بەرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن يەنە سپارتالىقلارنى زومىگەرلىكىگە قارشى تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تېبېس شەھىرى سپارتالىقلاrنى ئارقىمۇ ئارقا مەغلۇپ قىلغان (مىلادىدىن ئىلگىرى كايرونېيە )بېئوتىيىنىڭ شىمالىي تەرىپى( جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ، ماكېدونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى پۈتكۈل يۇنان جۈملىدىن بېئوتىيىمۇ رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.