Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بىئوستاتسىتىكا
دائىرە: بىئولوگىيە生物统计学
shēngwùtǒngjìxué
سانلارنى ستاتىستىكىلاش پرىنسىپىنى قوللىنىپ بىئولوگىيىدىكى سانلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئانالىز قىلىدىغان ۋە چەشەندۈرىدىغان پەن. ئۇنىڭ رولى: بىر جەھەتتىن، سانلارنىڭ ئەھمىيىتىنى شەرھلەپ، چېچىلىپ ياتقان بىر توپ سانلارنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى ئىپادىلەپ چىقىرىش؛ يەنە بىر جەھەتتىن كەڭ دائىرىدىكى تەرتىپسىز سانلارنى ئىخچام شەكىلگە يىغىپ، خۇلاسىلەشكە قولايلىق يارىتىش. شۇڭا بىئوستاتىستىكىنىڭ تەجرىبە لايىھىلىرىنى توغرا لايىھىلەش، تەجرىبە نەتىجىلىىرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇلاردىن ئوبيېكتىپراق خۇلاسە چىقىرىشقا ياردىمى بولىدۇ. بىئوستاتستىكا بىئولوگىيە، دېھقانچىلىق ۋە مېدىستىنا قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىشقا باشلىدى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.