Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بىئو پەردە
بىئولوگىيە
生物膜
shēngwùmó
ھۈجەيرىدىكى ماي ۋە ئاقسىل مولېكۇلىلىرىدىن تۈزۈلگەن بەلگىلىك تۈزۈلۈش، خۇسۇسىيەت ۋە فۇنكىسىيىگە ئىگە بولغان بارلىق مۇھىم پەردىسىمان تەركىبلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ھۈجەيرە پەردىسى (ياكى پلازما پەردىسى)، يادرو پەردىسى، خوندىرىئوسوما پەردىسى، ئچىكى پلازما پەردىسى، گولگى ئاپپاراتى پەردىسى، ۋاكۇئولا پەردىسى قاتارلىقلار پۈتۈنلەي بىئو پەردىگە كىرىدۇ. بۇلار بىرلىك پەردە (ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا ھەممىسىنىڭلا تىپىك ئۈچ قەۋەتلىك تۈزۈلۈش رەسىمى بولىدۇ) بولۇپ، قېلىنلىقى تەخمىنەن 100° A ~ 60 كېلىدۇ. ئاساسىي تۈزۈلۈشى، خۇسۇسىيىتى ۋە فۇنكىسىيىسى جەھەتلەردە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئورۇنلىرى بار، لېكىن ئۇلارنىڭ ھۈجەيرىدە تۇرۇشلۇق ئورنى ئوخشىمىغانلىقى، ئوخشىمايدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈزۈلۈشىدىكى ئالاھىدىلەشكەن قىسىملىرىغا مەنسۇپ بولغانلىقدىن، ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشى، خۇسۇسىيىتى، خىمىيىلىك تەركىبى ۋە فۇنكىسىيىسى جەھەتلىرىدە كۆپىنچە ئۆزىگە خاس ئورۇنلىرى بولىدۇ، يەنى ئوخشاش بىر ھۈجەيرە ئاپپاراتىنىڭ بىئوپەردىسىمۇ پەقەتلا ئوخشاشمايدۇ. مەسىلەن، خوندىرىئوسومنىڭ سىرتقى ۋە ئىچكى پەردىلىرى، سىرتقى شەكلى ۋە ئۇنىڭدىكى ئېنزىملارنىڭ تارقىلىش ئەھۋاللىرىدا ئىنتايىن زور پەرقلىنىدۇ، ئىچكى پەردىسىنىڭ ئىچكى قىرلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ATP ئېنزىم كومپلىكىس تەنچىسى ۋە ئېلېكترون يەتكۈزۈش زەنجىرى بولىدۇ، ئۇ ئوكسىدلىنىپ - فوسفاتلىنىپ، ATP ھاسىل بولىدىغان مۇھىم ئورۇن.