Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بىئوفىزىكا
دائىرە: بىئولوگىيە生物物理学
shēngwùwùlǐxué
فىزىكا نەزەرىيىسى ۋە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ھاياتلىق ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ بىئولوگىيە بىلەن فىزىكا (كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە تېخنىكىلىق پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ ئۆز ئارا بىرىكىشىدىن تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى، چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا مولېكۇلا بىئوفىزىكىسى، ھۈجەيرە بىئوفىزىكىسى، فۇنكىسىيە بىئوفىزىكىسى، كۋانت بىئوفىزىكىسى، رادىئو بىئوفىزىكىسى، جانلىقلار ئۇچۇرلىرىنى كونترول قىلىش نەزەرىيىسى، جانلىقلار توقۇلمىلىرىنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى، جانلىقلار تېخنولوگىيىسى (بىئومېخانىكا) ۋە بىئوفىزىكا تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىئوفىزىكا مولېكۇلا بىئولوگىيىسى، فىزىئولوگىيە، بىئوخىمىيە، گېنېتىكا ۋە ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بازىدۇ، ئۇلارغا سىڭىپ كىرىدۇ. بىراق ئۇ نۇقتىلىق ھالدا ھاياتلىق جەريانىنىڭ فىزىكىلىق قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددا، ئېنېرگىيە ۋە ئىنفورماتسىيە ھاياتلىق سىستېمىسىدا تەشكىللىك ۋە تەرتىپلىك ھەرىكەت قىلىپ ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بىئوفىزىكا نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بۇ ئۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىشتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بىئوفىزىكا بىئونىكا ۋە مېدىتسىنا تېخنولوگىيىسىنىڭ ئاساسى. ئۇ نۆۋەتتە، كلىنىكىلىق دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش، رادىئاتسىيىدىن قوغدىشىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئاشۇرۇش ۋە يېڭى سورت يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈندىن - كۈنگە مۇھىم رول ئوينىماقتا. كىشىلەر، بىئوفىزىكىنىڭ تەرەققىياتى ھاياتلىقنىڭ سېرىنى ئېچىشتا كەلگۈسىدە يېڭى بۆسۈش ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى تېخنولوگىيە ۋە فىزىكا ئىلىمىنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىدۇ دەپ قارىماقتا.
مائارىپ,فىزىكا,تەنتەربىيە,تەبىئىي جۇغراپىيە,ئۇنىۋېرسال,تېببىي
生物物理学
shēng wù wù lǐ xué
دائىرە: ئۇنىۋېرسال(ئى)
shēng wù wù lǐ
生物物理
GetWord كۇللىياتى
9生物物理学
生物物理[学]
shēng wù wù lǐ xué
生物物理学
shēng wù wù lǐ xué
生物物理学
shēng wù wù lǐ xué
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.