Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بېئارد
دۇنيا تارىخى
比尔德
bǐ ěr dé
(1874 - 1948) ئامېرىكا تارىخچىسى. ياش ۋاقتىدا دېپ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن ئەنگلىيە ئوكسفورد داشۆسىگە بېرىپ ئوقۇغان. 1904-يىلى كولومبىيە داشۆسىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1907 - 1917-يىللىرى، شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، كېيىن نيۇ - يورىك شەھەرلىك جامائەت ئىشلىرى تەلىم - تەربىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. دېۋېىي، ۋېبلېن ۋە روبېنزون قاتارلىقلار بىلەن بىرگە جەمئىيەت تەتقىقاتى يېڭى شۆيۈەنىنى بەرپا قىلغان. 3319-يىلى ئامېرىكا تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەمدە <تارىخ يېزىش بىر خىل ئېتىقادتىن كېلىپ چىققان ھەرىكەت> دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا تارىخى تەتقىقاتىغا كۈچ چىقارغان. ئامېرىكا تارىخشۇناسلىقىنىڭ <ئىقتىساد ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر> نىڭ ئاساسچىسى. كېيىن ئامېرىكا دىپلوماتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا يۆتكىلىپ، فرانكلىن. دېلونو. روزۋېلت زۇڭتۇڭنىڭ <يېڭىچە سىياسىتى> ۋە ئۇنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە قارشى تۇرغان ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ، مۇھىملىرى: <ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا ئىقتىسادىي ئىزاھات>، <ئامېرىكا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى> (ئايالى مارىي بىلەن بىرلىشىپ يازغان)، <يېقىنقى زامان ياۋروپاسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى>(روبىنزون بىلەن بىرلىشىپ يازغان)، <1932 - 194-يىللاردىكى ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى>، <زۇڭتۇڭ روزۋېلت ۋە 1941-يىلقى ئۇرۇشقا قاتنىشىشى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.