Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بىخەۋەرلەر پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
一无所知党
yì wú suǒ zhī dǎng
ئامېرىكىلىقلار پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1849 - يىلى نيۇ - يوركتا قۇرۇلغان ئامېرىكا تار مىللەتچىلەر پارتىيىسى. ئۇ دەسلەپتە <ئا ق ش تەرەققىي قىلىپ مەملىكەت خاراكتېرلىك تەشكىلاتقا ئايلانغان. بۇ تەشكىلاتقا قاتناشقۇچىلار تەشكىلاتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا، تەشكىلات ئەھۋالى سۈرۈشتۈرۈلگەندە ھېچنېمىنى بىلمەيمەن دەپ جاۋاب بېرىشكە قەسەم بېرىش شەرت قىلىنغاچقا، بىخەۋەرلەر پارتىيىسى دەپ ئاتالغان. مەزكۇر پارتىيە چەت ئەل كۆچمەنلىرىنى چەتكە قاقىدۇ، كاتولىك دىنغا قارشى تۇرىدۇ. چەت ئەلدە تۇغۇلغانلارنى ۋە كاتولىك مۇرىتلىرىنى جامائەت خىزمىتىنى ئۆتەشكە تەيىنلىمەسلىك؛ ئامېرىكا مۇرىتلىرىنى جامائەت خىزمىتىنى ئۆتەشكە تەيىنلىمەسلىك؛ ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرمەكچى بولغانلار 21 يىللىق خىزمەت سىنىقىدىن ئۆتكەن بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. 50 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئامېرىكىدا قۇللۇق تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىش ياكى بىكار قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى كۈرەشنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن، مەزكۇر پارتىيە بارا - بارا پارچىلىنىپ كەتكەن. 1860 ـ يلى ئاز قىسمىدىكىلىرى جەنۇبىي ئامېرىكىداىك ۋىگ پارتىيىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئاساسىي قانۇنلۇق ئىتىپاق پارتىيىسى بولۇپ تەشكىللەنگەن.