Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بېۋىن
دائىرە: دۇنيا تارىخى贝文
bèi wén
(1881 - 1952) ئەنگلىيە لېيبورىستلار پارتىيىسى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىرىدىن بىرى. ياش ۋاقتىدا پرىستان ئىشچىسى بولغان. 1909-يىلدىن كېيىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1922-يىلى تارقاق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىتتىپاقىدىن 32 نى بىرلەشتۈرۈپ ترانسىپورت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى قىلىپ قۇرۇپ چىققان. 1936 - 1937-يىللىرى مەملىكەتلىك ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولغان. 1940 - 1945 - يىللىرى چېرچىل ئۇرۇش مەزگىلى بىرلەشمە كابىنېتىنىڭ ئەمگەك ئىش - ھەققى ۋەزىرى بولغان. 1945 - 1951 - يىللىرى ئاتلې ليېنورىستلار پارتىيىسى كابىنېتى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاتتىق سىياسەت قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ۋە باشقا ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي گۇرۇھلىرىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.