Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بۇئى خاندانلىقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى白益王朝
bái yì wáng cháo
ئەرەپچىدە بۇۋايھىس دەپ ئاتىلىدۇ. 935-1055-يىللىرى ئىرانداقۇرۇلغان فېئودال خاندانلىق. 935-يىلى كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا ياشايدىغان بىر قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ ئوغلى ئەھمەدئىبىن بۇئى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسى ئەسكەر باشلاپ ھەمەدان، ئىسفاھاننى بېسىۋېلىپ، خۇزىستان بىلەن پارىس رايونىنى قولغا كەلتۈرگەن. شىرزانى پايتەخت قىلغان. ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. 945-يىلى، ئەھمەد باغدادقا كىرىپ، ئابباسىيلار خەلىپىسىنى ئۆزىگە ئەمرۇل ئۇمرالىق ئۇنۋانى بېرىشكە زورلىغان، خەلىپىنىڭ دىندىن سىرت ھوقوقىنى تارتىۋالغان. ئەدود دەۋلەھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (949-981) خاندانلىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىراننىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىي قىسمىنى ۋە ئىراق قاتارلىق جايلارنى باشقۇرغان. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، مەسچىت مەدرىسلەر، شىپاخانىلار، رەسەتخانا، كۇتۇپخانىلارنى قۇرۇپ، ئىلىم مەدەنىيەت ئەھلىلىرىنى مۇكاپاتلىغان. بۇ خاندانلىقنىڭ تازا روناق تاپقان مەزگىلى بولغان. Ⅺ ئەسىردىن كېيىن فېئوداللىق ئىچكى دەتالاشلار تۈپەيلى دۆلەت ئاجىزلىشىپ كەتكەن. سەلجۇقلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.