Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بۇتتو
دۇنيا تارىخى
布托
bù tuō
(1928 - 1979) پاكىستان زۇڭتۇڭى (1971 - 1973). سېندىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. لوندوندىكى لىنكولن ئادۋوكاتلار ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان. 1953-يىلى پاكىستانغا قايتىپ كېلىپ ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. 1958-يىلى سودا مىنىستىرى بولغان. 1962-يىلى مۇسولمانلار ئىتتىپاقى پارلامېنتى داھىيىسى بولغان. 1953-يىلى پاكىستانغا قايتىپ كېلىپ ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. 1958-يىلى سودا مىنىستىرى بولغان. 1962-يىلى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى پارلامېنتى داھىيىسى بولغان. 1963 - 1966-يىللىرى تاشقى ئىشلار مىنستىرى بولغان. 1967-يىلى پاكىستان خەلق پارتىيىسىنى قۇرغان. ئەنگلىيە لىبورىستلار پارتىيىسى فورمىسىدىكى <سوتسىيالىزم> نى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1968-يىلى 11-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، 1969-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. شۇ يىلى دېموكراتىك ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، ئايۇپخان ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1970-يىلى خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1971-يىلى قايتا تاشقى ئىشلار مىنسىتىر بولغان، شۇ يىلى 12-ئايدىن باشلاپ زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە ھەربىي باشقۇرۇشنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغان، 1973-يىلى 8-ئايدا يېڭى ئاساسىي قانۇننى يولغا قويغاندىن كېيىن زۇڭلى بولغان. 1977-يىلى 3-ئايدا يەنە بىر نۆۋەت زۇڭلىلىققا سايلانغان. شۇ يىلى 7-ئايدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئاغدۇرۇلۇپ، 1979-يىل 4-ئاينىڭ 4-كۈنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئنىڭ <ئۈچىنچى دۇنيا؛ يېڭى يۆنىلىش>، <غايەت زور تراگېىديە> ناملىق ئەسەرلىرى بار.