Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
布素尼
دۇنيا تارىخى
بۇسۇنى
(1866 - 1924) ئىتالىيىلىك پىئانىست، كومپزىتور. ئەمپولىدا تۇغۇلغان. مۇزىكانت ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىكىدە ئانىسىدىن پىئانىنو چېلىشنى ئۆگەنگەن، كېيىن ۋېنا، لېيپسىگلاردا ئوقۇغان. ئۇنىڭ رويال چېلىش ماھارىتى لىسزت ۋ رۇبىنسىتېئىنلاردىن قالسا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ،دەپ قارىلىدۇ. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 8881 - 1889 - يىللىرى خېلسىنكى مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا، 1890 - 1891 - يىللىرى موسكۋا مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا، ئوقۇتقۇچىىق قىلغان. 1894 - 1913 - يىللىرى بېرلىن مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1913 - 9151 - يىللىرى ئىتالىيىدىكى بولۇنىيە مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1920-يىلى يەنە بېرلىنغا بېرىپ كومپوزىتور، پروفېسسور بولغان ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە گېرمانىيىدە ئەينى ۋاقىتلاردا تارقالغان ئىپادىچىلىككە قارشى تۇرۇپ، يېڭى كلاسسىكىزمنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى: ئوپېرا، ئىسكىرىپكا مۇزىكىسى، پىئانىنو مۇزىكىسى، سىمفونىيىلىك مۇزىكا، ئۇسسۇل مۇزىكىسى قاتارلىق كۆپ خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئۇ، اخنىڭ ئاكوردىيون بىلەن ئورۇندىلىدىغان مۇزىكىسىنى پىئانىنو بىلەن ئورۇندىلىدىغان مۇزىكىغا ئۆزگەرتكەن، لىسىزتنىڭ پىئانىنو مۇزىكا ئەسىرىنى تەھرىرلىگەن، ئۇنىڭ يەنە <مۇزىكىنىڭ يېڭى ئېستېتىكىسى> ناملىق ئەسىرى بار.