Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇس نان
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، پىياز ئىككى باش، تۇخۇم ئىككى دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئەبجەش ياغ ياكى قايماق 105 گرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام.
ئۇنغا تۇخۇم چېقىپ خېمىرتۇرۇچلۇق قىلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، بولدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى يېيىپ نېپىزلىتىپ، يۈزىگە قايماق ياكى ئە
بجەش ياغ بىلەن ئۇششاق توغرالغان پىياز، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان پىياز قىيمىسىنى سۈرتۈپ، بىر چەتتىن تۈرۈپ ئۇزۇنچاق تۈرمەل ياساپ، ئۇنى قاسقانغا سېلىپ، تېز ئوتتا 30-25 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.
2. بۇس نان پىشقاندىن كېيىن يۈزىگە قايماق ياكى سېرىقماي سۈركەپ، چوڭ - چوڭ يالپاقلاپ توغراپ، لېگەنگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، پىياز ئىككى باش، ئەبجەش ياغ 105 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سەۋزە بىر كىلوگرام، كاۋاۋىچىن ئازراق.
قاتتىق پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ 10 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن، خېمىرنى تەكشى يېيىپ نېپىزلىتىپ تەييارلىنىدۇ.
2. سەۋزە ۋە پىيازنى ئۇششاق چاناپ، ياغ، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن ئارىلاشتۇرۇپ سەۋزە قىيمىسى تەييارلاپ، خېمىرنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىتىپ، بىر ئۇچىدىن تۈرۈپ تۈرمەل ياساپ، ئۇنى قاسقانغا سېلىپ، تېز ئوتتا 30 ـ 25 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان نان سوۋۇغاندىن كېيىن چوڭ - چوڭ يالپاقلاپ توغراپ، لېگەنگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.