Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇرژۇئا سوتسىيالىزمى
دۇنيا تارىخى
مۇتەئەسسىپ سوتسىيالىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سوتسىيالىزم بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق پىكىر ئېقىمى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا كاپىتالىزم زىددىيەتلىرى كۈندىن - كۈنگە ئاشكارىلانغان. ياۋروپا بۇرژۇئازىيىسى ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر، جۈملىدىن ئىقتىسادشۇناسلار، مېھرىبانلىق تەرەپدارلىرى، ئىنسانپەرۋەرلەر، ئەمگەكچىلەر سىنىپىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىغۇچىلار، خەير - ئېھسان ئىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار، ھاراقنى چەكلەش ھەرىكىتى جەمئىيىتىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار ۋە خىلمۇخىل ئۇششاق ئىسلاھاتچىلار، بۇرژۇئا جەمئىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى يوقاتماقچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بۇرژۇئا سوتسىيالىزمى مەيدانغا كەلگەن. پرۇدوننىڭ <نامراتلىق پەلسەپىسى> ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار كاپىتالىزمنىڭ ئىللەتلىرىنى تىنچ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى (مەسىلەن، خەير - ئېھسان ئىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىقلار) بىلەن يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ماھىيەتتە سىنپىي زىددىيەتنى كېلىشتۈرۈپ، پرولېتارىياتنى كاپىتالىزمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يولدىكى ئىنقىلابىي كۈرەشتىن ۋاز كەچتۈرۈپ، كاپىتالىزمنى ساقلاپ قالماقچى بولغان. ماركس بىلەن ئېنگېلس <پەلسەپە نامراتلىقى> ۋە <كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى> دە بۇنى چوڭقۇر تەنقىد قىلغان.