Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بۇرمىسىمان باكتېرىيە
دائىرە: بىئولوگىيە螺菌
luójūn
بۇرمىسىمان ياكى روشەن دەرىجىدە ئەگرى - بۈگرى بولغان باكتېرىيىلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىىشى. ئەگرىلىك دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يەنە يايسىمان باكتېرىيە ۋە تار مەنىدىكى بۇرمىسىمان باكتېرىيىگە بۆلۈنىدۇ. ھۈجەيرىسى يايسىمان ئەگرى بولغىنى يايسىمان باكتېرىيە، بۇرمىسىمان ياكى دولقۇنسىمان ئەگرى بولغىنى بۇرمىسىمان باكتېرىيە (تار مەنىدىكى بۇرمىسىمان باكتېرىيە) دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا بۇرمىسىمان باكتېرىيە فىزىئولوگىيىلىك ۋە باشقا مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى تۈپتىن ئوخشاشمايدىغان باكتېرىيە گۇرۇپپىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، خىمىيىلىك ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ چەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان بۇرمىسىمان باكتېرىيىلەر ئۇرۇقدىشى، قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ چەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان قىزىل بۇرمىسىمان باكتېرىيىلەر ئۇرۇقدىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۈجەيرىسى بۇرمىسىمان ئەگرى باكتېرىيىلەردۇر؛ بۇرمىسمان تەن دېگەنلىك ھۈجەيرىسى بۇرمىسىمان ياكى دولقۇنسىمان ئېگىلىگەن باكتېرىيە دېگەنلىكتۇر، بىراق بەزىدە ئۇنى بۇرمىسىمان باكتېرىيە ئۇقۇمىغا كىرگۈزمەي، بەلكى باكتېرىيىلەر ئىچىدىكى باشقا بىر ئالاھىدە تۈر دەپ قارىلىدۇ. يايسىمان باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى زۇلۇڭ يايسىمان باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى قاتارلىقلارنىڭ ھۈجەيرىسى يايسىمان باكتېرىيە كاتېگورىيىسىگە كىرىدۇ.
دائىرە: تېببىي螺旋菌
luó xuán jūnDباغۋەنچىلىك
螺旋状细菌
luó xuán zhuàng xì jūn
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.