Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇرما
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ياغاچ ياكى قاتتىق نەرسىلەرگە تۆشۈك ئېچىشقا ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب؛ ئۈشكە.
بۇرما بىلەن تۆشۈك تەشمەك.
ئى. دېتاللارنىڭ تاشقى ياكى ئىچكى يۈزىگە ئايلاندۇرۇپ چىقىرىلغان ئورام شەكىللىك چىش، رېزبا.
بۇرما چىقارماق.
سۈپ. ئايلانما ھالەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان ياكى ئىلگىرىلەيدىغان.
بۇرما شەكىلدىكى ھەرىكەت.
سۈپ. بۇراپ كىرگۈزۈلىدىغان.
بۇرما مىخ.
بىئولوگىيە
ئاقسىل مولېكۇلىسىدىكى مۇھىم كونفورماتسىيە بىرلىكلىرىنىڭ بىرى. بۇرمىسىمان تۈزۈلۈش دېگىنىمىز پولى پېپتىد ئاساسىي زەنجىرى ئىسكىلىتىنىڭ نىشانلىق ھالدا مەركىزىي ئوقنى بويلاپ يۆگىشىپ ئايلىنىپ، بۇرما - بۇرما بويىچە ئۇزىرىشىدىن ھاسىل بولغان تۈزۈلۈش بىرلىكى، يەنى بۇرمىسىمان پېپتىدنى كۆرسىتىدۇ. X نۇرى ئانالىزىغا ئاساسەن ئۇنىڭ ھەر 6.3 ئامىنو كىسلاتا قالدۇقىدا بىر ئايلانما يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، بۇرمىنىڭ ھەر بىر ئايلانمىسى يۇقىرى ئۆرلىگەندە ° 5.4Aسىلجىيدۇ. a - بۇرمىسىمان تۈزۈلۈش ھاسىل بولۇشنىڭ شەرتى شۇكى: پېپتىد زەنجىرى چوقۇم يېتەرلىك دەرىجىدە ئەۋرىشىم بولۇشى كېرەك. بۇرمىدىكى ھەر بىر ئامىنو كىسلاتا قالدۇقىدىكى H - N بىلەن ئالدىنقى ئۈچ دانە قالدۇقىدىكى كېيىنكى C = O دىن ھىدروگېنلىق باغ ھاسىل بولىدۇ. بۇرمىسىمان تۈزۈلۈش مۇشۇ ھىدروگېنلىق باغلارغا تايىنىپ ساقلىنىدۇ. جانلىقلار تېنىدىكى a - بۇرمىنڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوڭ قول تىپلىق، ئاز ساندىكىلىرى سول قول تىپلىق بولىدۇ.