Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بۇركھارت
دائىرە: دۇنيا تارىخى布尔克哈尔特
bù ěr kè hā ěr tè
(1818 - 1897) شۋېتسارىيىلىك تارىخشۇناس. بازېلدا تۇغۇلغان. 1839 - 1943-يىللىرى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ ئوقۇغان. 1844 - 1855-يىللىرى بازېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى ھەم قوشۇمچە <بازېل گېزىتى> نىڭ مۇھەررىرى بولغان. 5518 - 1858-يىللىرى زورېش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، 1858-يىلىدىن كېيىن بازېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ۋە سەنئەت تارىخى پروفېسسورى بولغان. <ئىمپېراتور كونستاتتىن Ⅰ دەۋرى>، <مەدەنىيەت - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئىتالىيە مەدەنىيىتى>، <يولباشچى> قاتارلىق ئەسەرلىرى، يەنە تارىخ توغرىسىدا پىكىرلەر< قاتارلىق لېكسىيە ئورىگىنالى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.