Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇناپارتچىلىق
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىنىڭ بىرىنچى ئىمپېرىيە ۋە ئىككىنچى ئىمپېرىيە مەزگىلىدىكى ھۆكۈمرانلىق كۆز قارىشى ۋە ھۆكۈمرانلىق شەكلى بولۇپ، كورۇل ناپالىئون بۇناپارت ۋە لۇئى ناپالىئون بۇناپارتلارنىڭ نامى بىلەن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ماركىس لۇئى بۇناپارت يازغان <ناپالىئون ئىدىيىسى> دېگەن ئەسەرگە ھەمدە ئىككى ئىمپېرىيە دەۋرىدىكى سىياسىي ئەمەلىيەتكە ئاساسەن <ناپالىئون ئىدىيىسى>ئۇششاق يەر مۈلۈكچىلىكى، كۈچلۈك دۆلەت، ھۆكۈمەتنىڭ قورالى بولغان مىسسىئونېرلار ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئارمىيە يۇقىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق ھوقۇق مەركەزلەشكەن تۈزۈمىدىكى غايەت چوڭ ھەربىي بيۇروكرات دۆلەت ماشىنىسى شەكىللەنگەن. بۇ دۆلەت ماشىنىسى سىنىپتىن تاشقىرى دەپ كۆككە كۆتۈرۈلگەن، ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتتىن ئۈستۈن قويولغان، جەمئىيەتنىڭ تىكىنخورىغا ئايلانغان، دەپ نەزىرىيىۋى يەكۈن چىقارغانىدى. ماركىس بۇنداق دۆلەت ماشىنىسى پادىشاھلىق ئىستىبداتلىق دەۋرىدە باشلىنىپ، بىرىنچى ئىمپېرىيە مەزگىلىدە قۇرۇلغان، يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشتىكى كۈچلۈك قورالى بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيىدىكى ھەممە ئىنقىلاپ ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن؛ يېقىنقى زامان سانائىتىنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە ئەمگەكچىلەر بىلەن كاپىتالىستلارنىڭ قارىمۇقارىشىلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ بارغانسېرى كاپىتالنىڭ ئەمگەكنى ئېزىش خاراكتېرىگە ئىگە بولغان؛ ئىككىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىگە كەلگەندە، كاپىتالنىڭ ئەمگەكنى قۇل قىلىدىغان دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرقى شەكلىگە ئايلىنىپ قالغان، دەپ ھېسابلىغان. لېنىن بۇناپارتچىلىق <بۇرژۇئازىيىنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە دېموكراتىك ئىنقىلاپ مۇھىتىدا ئەكسىلئىنقىلابقا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى پەيدا بولغان بىرخىل ھۆكۈمرانلىق شەكلى> دەپ قارىغان.