Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇلىت
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇلۇت.
قارا بۇلىت _ قارا بۇلۇت. ئاق بۇلىت _ ئاق بۇلۇت. ماقالىدا مۇنداق كەلگەن: قارا بۇلىتىغ يېلئاچار ئۇرۇنچ بىلە ئېل ئاچار _ قارا بۇلۇتنىيەل ئاچار، ھۆكۈمەت ئىشىكىنى پارا ئاچار. قارا بۇلۇتلارئاسماننى قاپلىۋالغاندا، ئۇنى شامال تارقىتىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشىكىنى پارا ئاچىدۇ. بۇ ماقال ئىشنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن مال - مۈلۈكنى ئايىماسلىققا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ. قۇيۇق چاچمۇ بۇلۇتقا ئوخشىتىلىدۇ. بۇلىت تەگ ساچى _ بۇلۇتتەك چېچى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئاغدى بۇلىت كۆكرەيۈ
ياغمۇر تولى سەكرىيۈ
قالىق ئانى ئۈگرىيۈ
قانچا بارىر بەلگۈسۈز
{بۇلۇت گۈلدۈرلەپ (چاقماق چېقىپ) ئۆرلىدى،
يامغۇر، تولى سەكرىشىپ (ياغدى)،
شامال ئۇنى تەۋرىتىپ (قوغلىدى)،
نەگە بارار؟ بەلگىسىز.}
چاقماق چېقىپ، بۇلۇت كۆتىرىلدى، يامغۇر ۋە تولى ياغماقتا، شامال بۇلۇتلارنى قوغلاپ سۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ نەگە بېرىشىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
1 - 459