Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
布列塔尼
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
bù liè tǎ ní
برېتاگنې
布列塔尼〈留、法〉
bù liè tǎ ní
برېتاگنې
دۇنيا تارىخى
برېتاگې
فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىىدكى قەدىمكى رايون نامى. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رىملىقلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. مىلادى Ⅴ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرگە قەدەر ئەسلىدە چوڭ برىتانىيە ئانگلو - ساكسونلارنىڭ ئېكسپىلاتاتىيىسىگە ئۇچراپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ مۇشۇ ئەتراپلارغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. <برېتاگې> دېگەن ئىسىمنىڭ مەنبەسى ئەنە شۇ برېتونلاردىن كەلگەن. كېيىن فرانكو پادىشاھى كلوۋىس تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. لېكىن ئۇ يەرگە ئۈنۈملۈك ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزمىگەن. مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بەگلىك قۇرۇلغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كىنەزلىك قۇرۇلغان. 1532-يىلى فرانسىيىگە قوشۇۋېلىنغان. بۈگۈنگە قەدەر قىسمەن يەرلىك ئاھالىلەر يەنىلا برېتون تىلىدا سۆزلىشىدۇ.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
برېتانې
فرانسىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئاتلانتىك ئوكياندىن چىقىپ تۇرغان بىر يېرىم ئارال. ئۇنىڭ ئاساسىي قىسمىنى دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 300 مېتر ئەتراپىدا بولغان ئىككى كونا تاغ تىزمىسى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ تاغلىقلار تەدرىجىي ھالدا دېڭىز قىرغاق تەرىپىگە قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. بۇ جاينىڭ ئىقلىمى قىشتا يىللىق، يازدا سالقىن بولىدۇ، يىل بويى نەم، كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ. بولۇپمۇ كۈز پەسلى يامغۇر كۆپ بولىدۇ. تۇمانلىق كۈنلەر كۆپ، ھاۋا ئوچۇق كۈنلەر ئاز بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 800 مىللىمېترغا يېتىدۇ. برېتانېنىڭ يەر مەيدانى 27 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 2 مىليون 595 مىڭدىن ئاشىدۇ، برېتانېنىڭ يەر مەيدانى پۈتۈن فرانسىيە يەر مەيدانىنىڭ 1/5 نى، ئاھالىسى پۈتۈن فرانسىيە ئاھالىسىنىڭ 5% نى تەشكىل قىلىدۇ. برېتانې فرانسىيىنىڭ مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. بۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى پۈتۈن فرانسىيە يېزا ئىگىلىك ئاھالىسىنىڭ 11% نى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن فرانسىيە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 12% نى ئىگىلەيدۇ. برېتاندىكى سۈت مەھسۇلارى پۈتۈن دۆلەت سۈت مەھسۇلاتىنىڭ 20% نى، كالا گۆشىنىڭ 18% نى، سۈرلەنگەن چوشقا گۆشىنىڭ 50% نى، ئۆي قۇشلىرىنىڭ 60% نى، تۇخۇمنىڭ 50% نى، توخۇ ئېكسپورتىنىڭ 90% نى ئىگىلەيدۇ. چارۋىچىلىق بىلەن ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش يېزا ئىگىلىكىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ قىممىتى پۈتۈن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 90% نى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن رايون بويىچە گۆشلۈك ھەم سۈتلۈك كالا 3 مىليوندىن ئاشىدۇ. برېترنې فرانسىيە بويىچە ئىككىنچى چوڭ سەي ئۆستۈرۈش ھەم بېلىقچىلىق مەيدانى بولۇپ، ھەرخىل سەيلەر ئۆستۈرۈلىدۇ، دېڭىز قىرغاقلىرىدىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. بۇ جاينىڭ سانائىتى يېزا ئىگىلىك، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. پۈتۈن رايون بويىچە 40 دىن ئوشۇق سۈت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، 75 چوڭ تىپتىكى زامانىۋى گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى بار. بۇ زاۋۇتلار بۇ جايدىكى 87 مىڭ چارۋىچىلىق مەيدانىدىن كەلتۈرۈلگەن سۈت ھەم گۆشنى پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ. برېتانې ئارىلىدىكى برېتانې خەلقلىرى مىلادى 5 -، 6 - ئەسىردە بوغۇزنىڭ قارشى تەرىپىدىن (ئەنگلىيە تەرىپىدىن) ئانگلو ساكسونلار بىلەن جوت خەلقلىرىنىڭ تاجاۋۇزىدىن قېچىپ بۇ جايغا كېلىپ ئورۇنلاشقان. بۇ جاينى بوغۇزنىڭ قارشى تەرىپىدىكى چوڭ بېرىتانېدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ جايغا كىچىك برېتانې دەپ نام بەرگەن، كېيىن برېتانىيىلىكلەر ئولتۇراقلاشقان پورت دەپ ئاتالغان