Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بۇلاۋىن قوزغىلىڭى
دائىرە: دۇنيا تارىخى布拉文起义
bù lā wén qǐ yì
دون قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1707 - 1708 - يىللىرى روسىيە كازاك دېھقانلىرىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى قوزغىلىڭى. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى فېئوداللىق زۇلۇمنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ، مىڭلىغان جازا ئەترىتىنى دون رايونىغا ئەۋەتىپ، قاچقۇن دېھقانلارنى قوغلاپ تۇتۇپ، كازاكلارنىڭ يېزا - بازالىرىنى ئاياغ - ئاستى قىلىپ، يەرلىك ئاھالىنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 7071-يىلى 01ايدا، كازاكلار ئاتامانى بۇلاۋىن (تەخمىنەن 1600 - 1708) ئىككى يۈزدىن ئارتۇق كىشىنى توپلاپ، ئايدار دەرياسى بويىدىكى شۇلگىن بازىرىدا تۇرۇۋاتقان جازا ئەترىتىنى يوقىتىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.قوزغىلاڭ ناھايىتى تېزلا دون دەرياسنىڭ يۇقىرى ئېقىمى رايونىنى قاپلاپ كەتكەن. 1708-يىلى 5-ئايدا، دوننىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى مۇھىم بازار چېركاسكىنى ئىگىلىگەن. كېيىن قوزغىلاڭچى قوشۇن بىر نەچچە تارماققا بۆلۈنۈپ ۋولگا ۋادىسى ۋە ئازوۋ دېڭىزى بويلىرىغا يۈرۈش قىلىپ، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىكشەن. 7-ئايدا بۇلاۋىن ئاساسىي كۈچىنى باشلاپ ئازوۋغا ھۇجۇم قىلغاندا مەغلۇپ بولۇپ، چىركاسكىگە چېكىنگەن. يۈز ئۆرۈگەن كازاك يۇقىرى قاتلام باشچىلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى قوزغىلاڭ رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.